ساقچى خادىمى: ترېنېر ئالىمجان ماخمۇت «ساقاللىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغانلىقى» ئۈچۈن تۇتۇلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2022.03.14
turme-siyasiy-mehbus.jpg جىنايەتچىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىنىڭ دەرۋازىسى. يەرلىك كىشىلەر ئېيتىشىچە، بۇ ئورۇن سىياسىي جىنايەتچىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. 2017-يىلى 2-نويابىر، كورلا.
AP

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى ئېلان قىلغان تۇتقۇندىكى مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر تىزىملىكىدە قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، تونۇلغان ۋالىبولچى، دۆلەت دەرىجىلىك ترېنېر ئالىمجان ماخمۇتنىڭمۇ ئىسمى بار ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، ئالاقىدار بىر خادىم ئالىمجان ماخمۇتنىڭ «ساقاللىق كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان» لىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى ئېلان قىلغان «تۇتقۇندىكى مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر» تىزىملىكىدە قەشقەردىن 8 كىشىنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى. بۇلار تەنھەركەتچىلەردىن پاتىگۈل قادىر، ئالىمجان ماخمۇت، ياسىنجان ئاۋۇت، جۇماخۇن مەمەت، نۇرئېلى مەمەتلەردىن باشقا يەنە دوختۇر ئابدۇقېييۇم سەمەت بىلەن ئەمەلدار ئادىل ئابدۇرېھىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. بۇ تىزىملىك ئۈستىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئۆتكەن ھەپتىلەردە ئادىل ئابدۇرېھىم بىلەن ئابدۇقېييۇم سەمەتنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى. بۈگۈن بۇلاردىن تونۇلغان ۋالىبولچى ئالىمجان ماخمۇت ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ خىزمەت ئورنى بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەكتىپىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر نۆۋەتچى خادىم، ئۇيغۇرچە سورالغان سوئاللىرىمىزغا خىتايچە جاۋاپ بېرىپ، بۇ مەكتەپتە تۇتقۇن قىلىنغان بىر ئوقۇتقۇچى يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

«ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ يېتەكچىسى، پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتىن تۇتقۇن قىلىنغان ئاز دېگەندە6 ‏-7 نەپەر ئوقۇتقۇچى بار بولۇپ، بۇلاردىن ئىككىسى ئېزىزجان ۋە ئېزىزقارى ئىسىملىك ئىككى نەپەر ۋالىبول ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن. مەزكۇر مەكتەپتىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر خادىم، ترېنېر ئالىمجان ماخمۇتنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئېلىشىمىز بىلەن، سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ۋاز كەچتى.

ئۇيغۇر رايونىدا2017 ‏-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا، يىللاردىن بېرى تۇتقۇنغا سەۋەب بولۇپ كەلگەن ئاتالمىش «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دىنىي ئەسەبىيلىك» ئالامەتلىردىن باشقا يەنە جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە بولۇشمۇ، ھەرخىل باھانىلەر بىلەن تۇتقۇنغا سەۋەب بولغان.

ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ بايان قىلىشىچە، ترېنېر ئالىمجان ماخمۇت، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ماھارىتى ۋە تەجرىبىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە تەربىيەلىگەن شاگىرتلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە سەرخىللىقى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي مۇناسەتلەردىكى ئاكتىپلىقى بىلەنمۇ جەمئىيەتتە تونۇلغان ۋە ھۆرمەت قازانغان ئىكەن. 2017 ‏-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا جەمئىيەتتە مەلۇم تەسىرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئەڭ باشتا تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، ئالىمجان ماخمۇتىنىڭمۇ تۇتۇلۇشىدا، ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىر كۈچىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تەۋەلىكىتىكى ساقچى خادىمى، ترېنېر ئالىمجان ماخمۇتىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنىمۇ ئاشكارىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ تۇتۇلۇشىغا «ساقاقللىق كىشىلەر بىلەن مۇناسۋىۋەت قىلغان» لىقى سەۋەب بولغان ئىكەن.

ئىلگىرى كۈنەس ناھىيەسىنىڭ ئارالتۆپە يېزىسىدىكى تۇتقۇنلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەزكۇر تەۋەلىكتىن بىر تۈركۈم تۇتقۇنلارنىڭ «چېكىتى بار كىشىلەردىن تېلېفون كەلگەن» لىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانغلىقى مەلۇم بولغان. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يەنە غۇلجادىكى ئاتاقلىق چاقچاقچى روزاخۇننىڭمۇ «تېلېفونىغا نۇقتىلىق كىشىلەردىن تېلېفون كەلگەن» لىكى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.

«ئۇيغۇريار» فوندىنىڭ «تۇتقۇندىكى مەشئەلچىلەر تزىملىكى» دە قەيت قىلىنىشىچە، ترېنېر ئالىمجان ماخمۇت2017 ‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر يىلدىن كېيىن 8 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، ئۇ نۆۋەتتە ئاقسۇدىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.