خوتەندىكى بىر ساقچى: ھېيتتا سۆز-چۆچەك تارقاتقان 30 نەچچە كىشىنى تەكشۈردۇق، 10 نەپىرىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتىمىز

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2019.08.13
ikki-saqchi-pitne-eghwa.jpg ھېيت سالىمى ئۇچۇرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتقان ئىككى ساقچى خادىمى.
Social Media

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايوندىكى مەلۇم بىر ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئاھالىلەرنى «ھېيت سالامى بېرىشكە رۇخسەت يوق» دېگەن «پىتنە-پاساتنى تارقاتماسلىق» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ۋىدىيولۇق ئۇچۇر تارقالدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا خوتەننىڭ دۇۋا يېزىسىدا 6 كىشىنىڭ بۇ توغرىدا سوراق قىلىنىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى، چىرا بازىرىدا بولسا 30 نەچچە كىشى سوراق قىلىنىپ 10 كىشىنىڭ ھېلىھەم تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۈگۈن، 13-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر ساقچى ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئاھالىلەرنى سۆز چۆچەك تارقاتماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقالدى. بۇ ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە بەزى جايلاردا، ئاھالىلەر ئارىسىدا ھېيت سالامى بەرسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆز تارقالغان. ئەمما مەزكۇر ۋىدىيو ئۇچۇرىدا، ھېيت سالامى بېرىشكە بولمايدۇ دېگەن بۇ ئۇچۇرنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تارقالغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ قۇربان ھېيتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا كېچىكىپ كەلگەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە بەزى كەنت كادىرلىرى، ئۆزلىرىدىن يول-يورۇق سورىغان ئاھالىلەرگە ھېيت نامىزىغا قاتناشماسلىق، ئۆزئارا ھېيتلاشماسلىق ۋە ھېيت سالىمىمۇ يوللىماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان؛ بۇ تەۋسىيە جەمئىيەتتە تېز تارقىلىپ، بەزى جايلاردا ئەنسىز بىر جىمجىتلىقنى پەيدا قىلسا، يەنە بەزى جايلاردا، جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان. يەنە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە دائىرىلەر، ھېيت ھارپىسى ۋە داۋامىدىكى بۇ ئەنسىزچىلىكنى ئۆزلىرىنىڭ 3 يىلدىن بۇيانقى لاگېر سىياسىتى ۋە بۇ يىلقى كېچىككەن ھېيتلىق ئۇقتۇرۇشىدىن كۆرۈشنىڭ ئورنىغا ئاھالىلەردىن كۆرۈپ، يەنە تۇتقۇن ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. خوتەننىڭ دۇۋا يېزىلىق ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە بۇ يېزىدا مەزكۇر سۆز-چۆچەكنى تارقاتتى دەپ قارالغان، 6 كىشى تۇتقۇن قىلىنىپ 2 سائەت سوراق قىلىنغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ھېيت سالامى يوللاشماسلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرنى ئەڭ دەسلەپ كىمنىڭ تارقاتقانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا ساقچى خادىملىرىدىن جاۋاب تېپىلمىدى. ئەمما ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرۈلگەن ھەرقانداق بىر مەسىلىدە ئاھالىلەرنىڭلا مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىۋاتقانلىقى ۋە پۇرسەت تاپسىلا قورقۇتۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى،

خوتەننىڭ چىرا ناھىيە بازارلىق ساقچى خادىمىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ساقچىخانا ھېيت سالامى يوللىماسلىق ھەققىدە ئۇچۇر تاراتقان 30 نەچچە كىشىنى تۇتقان ۋە بۇلاردىن 10 كىشىنى تا بۈگۈنگىچە قويۇپ بەرمىگەن.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.