خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا-كەنتلەرگە 1486 «سوتچى خىزمەت ئىشخانىسى» قۇرۇپ چىققان
2021.01.18
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى 10 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەرگە 1486 سوتچى خىزمەت ئىشخانىسى قۇرۇپ چىققانلىقى مەلۇم بولدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ سوتچى خىزمەت ئىشخانىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى نەق مەيداندا مۇلازىمەت قىلىپ، يەر ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى، ئائىلە ماجراسى، شەخسىي قەرز ئىختىلاپى دېگەندەك مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىكەن. بىراق كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تەدبىر خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇنى بىلەن تەڭ باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى سوت مەھكىمىلىرى چوڭ تۇتقۇندا لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قامالغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، يەر ئىگىدارچىلقى ھوقۇقى، ئائىلە ماجراسى، شەخسىي قەرز ئىختىلاپىغا ئوخشاش ئادەتتىكى ھەق-تەلەپ دېلولىرىنى يېزا-كەنتلەردە كونترول قىلىپ، رەسمىي سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دىققىتىنى لاگېر، تۈرمىلەردىكى تۇتقۇنلارغا مەركەزلەشتۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر بىر يېزا-بازارغا ئاز دېگەندە بىردىن «قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى» ياكى «سوتچى خىزمەت ئىشخانىسى» قۇرۇشنى 2020-يىلى 3-ئايدا باشلىغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى يېزا-كەنتلەردە جەمئىي 1486 ئورۇندا «قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىسى» ياكى «سوتچى خىزمەت ئىشخانىسى» قۇرۇلۇپ بولغان. خەۋەردە نىيە ناھىيەسىدىكى 7 يېزا-بازار ۋە بىر ئاھالىلار باشقارمىسى، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 13 يېزا-بازارنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ قۇرۇلۇپ بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.