ئالدىنقى كۈنى رادىيومىزدا لوپ ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئاتالمىش «قانۇنسىز كىتاب» دېلوسىدا سامپۇل يېزىسىنىڭ باشىلىقى بىلەن بىرلىكسەپ كادىرىنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. مۇھاجىرەتتىكى لوپلۇقلاردىن بىرى رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئەنە شۇ دېلودا ئاتالمىش «قانات ئاستىغا ئېلىنغۇچى» نىڭ سامپۇلنىڭ كەلەنتە كەنتىدىكى توختى روزى دېگەن كىشى ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا توختى روزىنىڭ شۇ دېلودا «قانۇنسىز كىتاب ساقلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە 4 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ بولغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، 2015 -يىلى لوپ ناھىيەسى سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابلىكىم مەتتۇرسۇن بىلەن بىرلىكسەپ كادىرى مەتئېزىز مەتتوختىنىڭ 7 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەپ بولغان ئاتالمىش «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش دېلوسى» دا «قانات ئاستىغا ئېلىنغۇچى» نىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن لوپتىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قايتىدىن تېلېفون قىلدۇق.
لوپلۇق مۇھاجىر رادىيومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، كىتاب ساقلىغۇچىنىڭ توختى روزى دېگەن كىشى ئىكەنلىكى ۋە سامپۇلنىڭ كەلەنتە كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن بىز سامپۇل يېزىلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم توختى روزىنىڭ سامپۇلنىڭ كەلەنتە كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. يەنە بىر خادىم توختى روزىنىڭ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە ناھىيە بازىرىدا بىر كىتاب دۇكىنى بارلىقى، بۇ دۇكاندا دىنىي كىتابلار بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم ھەج سەپىرىگە ئالاقىدار بۇيۇم ۋە ماتېرىياللار سېتىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
ئالدىنقى كۈنى سامپۇل يېزىسىنىڭ باشلىقى بىلەن بىرلىكسەپ كادىرىنىڭ «جىنايەتچىنى قانات ئاستىغا ئېلىش» بىلەن كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان لوپتىكى بىر سىياسىي-قانۇن كادىرى ئۇ ئىككىسى ئاتالمىش «قانات ئاستىغا ئالغان» كىشىنىڭ ئىسمى توختى روزى ئىكەنلىكى ۋە مەزكۇر دېلودا «قانۇنسىز كىتاب ساقلاش» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئوغلى بىلەن بىرلىكتە 4 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ خادىمنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئىككىسىمۇ مەزكۇر ئىككى كادىر بىلەن بىرلىكتە جازا مۇددىتىنى كېرىيە تۈرمىسىدە ئۆتىگەن. ئەمما جازا مۇددىتى ئۇلاردىن يېرىم ھەسسە ئاز بولغاچقا، جازا مۇددىتىنى تاماملاپ قويۇپ بېرىلگەن.
ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئىلگىرى خوتەننىڭ ئىلچى يېزىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىشىمىز داۋامىدا بۇ يېزىدا ئەڭ ئېغىر كېسىلگەن كىشىنىڭ ئابدۇجېلىل ئىسىملىك بىر كەنت باشلىقى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ يەر ئاستى مەكتەب ئاچقان بىر دىنىي زاتنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى، يەر ئاستى مەكتەپ ئاچقان ئاتالمىش جىنايەتچىنىڭ بولسا 4 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
شۇ چاغدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرى مەسئۇلى پەرھات يورۇڭقاش ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاتالمىش «قانات ئاستىغا ئالغۇچى» نى «قانات ئاستىغا ئېلىنغۇچى» دىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق جازالاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەتنى يوق قىلىشقا، بۇنىڭ ئورنىغا ئۆزئار ئۆچ-ئاداۋەت پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.