بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققان بىر ئايال 19 يىللىق كېسىلگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-04-26
`
Share
Erlan-Qabden-2020.jpg بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققان تارباغاتاي ۋىلايىتى تۇرغۇنى ئېرلان قابادەن 19 يىللىق كېسىلگەن.
Social Media

لاگېر قۇربانلىرىغا ئائىت ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ھۆججەتكە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر ئايال بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققانلىقى ئۈچۈن 19 يىللىق كېسىلگەن.

«شىنجاڭ قۇربانلىرى ساندىنى» ناملىق تەشكىلات 26-ئاپرېل ئېلان قىلغان ئىككى پارچە ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى مۆتگې يېزىسىنىڭ تۇرغۇنى ئېرلان قابادەن «ئەسەبىيلىكنى ئىشلىتىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش»، «جېدەل چىقىرىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش» جىنايىتى بىلەن جازاغا تارتىلغان ۋە ئوخشاش جىنايەت بىلەن 2019-يىلى 14-ئىيۇن قوبۇقسار ناھىيەلىك خەلق سوتى تەرىپىدىن 19 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تەشكىلاتنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا كۆرسىتىشىچە، ئېرلان قابادەنىڭ قازاقىستاندىكى ئۇرۇق تۇغقانلىرى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىقىش، ئۇنىڭ 19 يىللىق كېسىلىشىگە سەۋەب بولغان ئاتالمىش جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. 

تەتقىقاتچى جىنې بونن بۇ ھەقتە فەيسبۇكقا يوللىغان ئۇچۇرىدا بۇنى بىر «دۆلەت تەشكىللىكىدىكى قاتىللىق» دەپ ئاتىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «51 ياشلىق بىر ئايال بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا ياغلىق ئارتىپ چىققانلىقى ئۈچۈنلا 19 يىللىق كېسىلسە، بۇنى جىنايى جازا دېگىلى بولمايدۇ. بۇ بىر دۆلەت دۆلەت تەشكىللىكىدىكى قاتىللىقتۇر.» 

خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ۋە ھەرخىل ناملاردا قارىلىنىپ كېسىلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت