14 ياشلىق ئەلىسانىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتىغان رەسىمى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.12.28
Alica-orgertip-sizghan-uyghurlargha-atighan-resim.jpg 2023-يىللىق «ياشلار مەدەنىيەت مۇكاپاتى» غا نائىل بولغان، 14 ياشلىق ئەلىسا ئىسىملىك گېرمان قىزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ سىزغان «ئىنسانلارغا ئەركىنلىك» ناملىق رەسىم. 2022-يىلى دېكابىر.
Alica

«جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى» 26-دېكابىر ئېلان قىلغان «2022-يىلىغا نەزەر: سانسىزلىغان ئىجادكار ئەۋلادلار» ناملىق قىسقا خەۋەردە 14 ياشلىق ئەلىسا ئىسىملىك بىر گېرمان قىزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ سىزغان «ئىنسانلارغا ئەركىنلىك» ناملىق رەسىمىنىڭ 2023-يىللىق «ياشلار مەدەنىيەت مۇكاپاتى» غا نائىل بولغانلىقى بايان قىلىندى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، باۋارىيە ئۆلكىسىنىڭ ئېبېرسبېرگ رايونلۇق «ياشلار كېڭىشى» تەشكىلاتى يېقىندا «ئورۇن بارمۇ؟» دېگەن تېمىدا مۇھىت مەسىلىسى، ۋىرۇس مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەزمۇندا ئەسەر ئىجاد قىلىش مۇسابىقىسى تەشكىللىگەن بولۇپ، 14 ياشلىق ئەلىسانىڭ ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ سىزغان رەسىمى 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن، مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى 2023-يىلى 2-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىكەن.

رەسىمدە ئىس-تۈتەك، ئوت يالقۇنلىرى قاپلىغان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئېغىزى خىتاينىڭ قىزىل بايرىقى بىلەن پىچەتلەنگەن ئۇزۇن چاچلىق بىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوڭ قولىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى، سول قولىدا بىر مىلتىقنى تۇتقان ھالدا كۆكرەك كېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشكە ئۇزۇن چاچلىق ئۇيغۇر قىزىغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئەرلەرنىڭ ھەمدە مىلتىق تۇتقان يەنە بىر ياشانغان ئايالنىڭ سىماسىمۇ، شۇنداقلا يەرلەردە چېچىلىپ ياتقان جەسەتلەر، بۇ جەسەتلەرنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ ئەسكىرىي فورمىسىنى كىيگەن بىر ئۆلۈكنىڭمۇ قىياپىتى قىستۇرۇلغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە تەدبىقلانغان بۇ رەسىمنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئالاھىدە زور بولۇپ، رەسىمنى كۆرگۈچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيىتىگە باشلاپ باراتتى.

فىرانسىيەلىك رەسسام يۇجېن دېلاكۇۋا (Eugène Delacroix) فىرانسىيەدە 1830-يىلى يۈز بەرگەن «ئىيۇل ئىنقىلابى» غا ئاتاپ سىزغان رەسىمى.
فىرانسىيەلىك رەسسام يۇجېن دېلاكۇۋا (Eugène Delacroix) فىرانسىيەدە 1830-يىلى يۈز بەرگەن «ئىيۇل ئىنقىلابى» غا ئاتاپ سىزغان رەسىمى.
Eugène Delacroix

بۇ ئالاھىدە رەسىم ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشتە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر رەسىمنىڭ باشقىچە بىر نۇسخىسىنى ئەسلىدە فرانسىيەلىك يۇجېن دېلاكۇۋا (Eugène Delacroix) ئىسىملىك بىر رەسسام فرانسىيەدە 1830-يىلى يۈز بەرگەن «ئىيۇل ئىنقىلابى» غا ئاتاپ سىزغان ئىكەن. رەسىمنىڭ ئەسلى نامى «خەلقنى يېتەكلەۋاتقان ئەركىنلىك» ئىكەن. بۇ رەسىم پارىژدا 1830-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋام قىلغان ئىنقىلاپتا پادىشاھ چارلىس X نى ئاغدۇرۇپ، دېموكراتىك ھاكىمىيەتنى بەرپا قىلغان «شانلىق 3 كۈن» گە بېغىشلانغانىكەن، رەسىم فرانسىيەنىڭ ئەركىنلىك كۆرۈشى ئۈچۈن سىمۋول خاراكتېرلىك بىر بەلگە ھېسابلىنىدىكەن.

14 ياشلىق ئەلىسا بۇ رەسىمنى فرانسىيە ئىنقىلابىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ سىزىپ چىققان ۋە ئۇنىڭغا «ئىنسانلارغا ئەركىنلىك» دېگەن نامنى بەرگەن. رەسىم ئېبېرسبېرگ رايونلۇق «ياشلار كېڭىشى» تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن، «تۈندە ئويغىنىش» دەپ نام بېرىلگەن بۇ قېتىمقى ئىجادىيەت مۇسابىقىسىغا قاتناشقان 77 نەپەر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئەسەرلىرى ئارىسىدا «رېكورد خاراكتېرلىك ئەسەر» بولۇپ باھالىنىپ، 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

بىزنىڭ 14 ياشلىق ئالىسانى زىيارەت قىلىپ «بۇنداق بىر رەسىمنى سىزىشىڭىزغا سەۋەب بولغان ئامىل نېمە؟ بۇ رەسىم ئارقىلىق سىز نىمىنى ئىپادە قىلماقچى؟» دېگەندەك سۇئاللارغا جاۋاب ئېلىش پۇرسىتىمىز بولمىدى. ئەمما گېرمانىيەدىكى پىشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەلىسانىڭ بۇ رەسىمى مۇكاپاتقا لايىق مۇكەممەل بىر رەسىم ئىكەن ھەمدە مەزكۇر رەسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتى ۋەزىيىتىنى جەلپ قىلارلىق بىر شەكىلدە نامايەن قىلىپ بەرگەنىكەن.

گېرمانىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئەنۋەر ئەھمەت بۇ ھەقتە توختالغاندا، 14 ياشلىق بىر قىزنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى نامايەن قىلىدىغان بۇنداق بىر رەسىمنى سىزىپ چىقالىشىغا مۇھاجىرەتتە داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ ۋە گېرمان پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا پوزىتسىيەنىڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.