«ۋولكىسۋاگىن» باشلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى بايقۇت چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.04.17
volkswagen-bbc-xewer.jpg «ۋولكىسۋاگىن» ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېس BBC ئاگېنتلىقى مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 15-ئاپرېل، شاڭخەي.
Social Media

گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىلىرىدىن بولغان ۋولكسۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېس 15-ئاپرېل كۈنى، شاڭخەيدىكى ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىۋاتقاندا BBC ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە لاگېرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن. ئۇ مۇخبىرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «قايتا تەربىيە» نامىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى قاماپ قويغانلىقىنى ئېيتىشى بىلەن «مەن ئۇنىڭغا باھا بېرەلمەيمەن. مېنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرىم يوق» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ھالبۇكى، خىتاي بىلەن ئەڭ چوڭ شېرىك بولغان ۋە ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە 6 يىل ئاۋۋال ۋولكىسۋاگىن ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ بىر تارماق قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنى ئاچقان مەزكۇر شىركەت باشلىقىنىڭ ئۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتچىلار، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى «ۋولكىسۋاگىن» دىن ئىبارەت بۇنداق نوپۇزلۇق بىر شىركەتنىڭ نوقۇل پايدىنى كۆزلەپ، كەسپىي ۋە تىجارەت ئەخلاقىنى چەتكە قايرىپ قويۇشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئەنگىلىيە نوتتىڭخام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى دوكتور ئاندىرەي فۇلدا ئەپەندى بۈگۈن رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا قايتۇرغان يازما ئىنكاسىدا ھېربېرت دايەسنىڭ «پايدا ئالدىدا كۆزىنى يۇمۇۋېلىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال» دەپ ئىپادە قىلدى. ئۇ ئېلخېتىدە مۇنداق دېگەن:

«ۋولكسۋاگىن شىركىتى ئىجرائىيە باشلىقى ھېربېرت دايېسكە ئوخشاش تونۇلغان بىرىنىڭ خىتايدىكى بازىرىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بىر مەقسەت ئۈچۈن شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرمەسكە سېلىۋېلىشى قوبۇل قىلغۇسىز بىر ئەھۋال. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئۇنىڭ پايدىنى قوغلىشىش بەدىلىگە ئەخلاقىي ئۆلچەملەردىن يىراق قالغان بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلار، ئەگەر ۋولكىسۋاگىن شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ رايونىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاشنى داۋام قىلىۋەرسە ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى بايقۇت قىلىشى كېرەك».

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ھېربېرت دايېس بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ سۆھبىتى تارقىتىلغاندىن كېيىن يۇقىرىدا فۇلدا ئەپەندىم تىلغا ئالغانغا ئوخشاش ۋولكىسۋاگىن شىركىتى مەھسۇلاتىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ، بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. بۈگۈن ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىمۇ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرگەن. ئۆز ئىجرائىيە باشلىقىنىڭ شاڭخەيدە قىلغان سۆزىنىڭ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ۋولكىسۋاگىن شىركىتى بۈگۈن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئارقىلىق بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەزىيەتنى ئوڭلاشقا تىرىشقان. ئۇلار «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ۋە بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەزى ئاكتىپ قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇلار يەنە باياناتىدا: «ۋولكسۋاگىن گۇرۇپپىسى ئۈچۈن تىجارىي پائالىيەتلىرىدە ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىش ئەڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر» دەپ كۆرسەتكەن.

ھالبۇكى بۇ ۋولكىسۋاگىن گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە بىرىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنىشى ئەمەس. بۇندىن ئىلگىرىمۇ، يەنى 2019-يىلى 11-مارت كۈنى «خوڭكوڭ ئەركىن ئاخباراتى» گېزىتىدىمۇ ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۈكۈتى سۈرۈشتە قىلىنغان. گېزىتتىكى «خىتايدىكى ۋولكىسۋاگىن-گېرمانلار يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرەمدۇ؟» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ چاڭچۈندىكى زاۋۇتلىرىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچىلەر ئاساسەن يۇرتلىرىغا قايتۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، قايتۇرۇلغانلارنىڭ لاگېرغا قامالغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، زاۋۇتتىكىلەر گېرمانىيەلىك باشلىقلارغا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى غەيرىي رەسمىي يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار مەسىلىگە نىسبەتەن بىپەرۋا پوزىتسىيەدە بولغان.

خەۋەردە گېرمانلارنىڭ ئەينى يىللاردىمۇ ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىدىن خەۋەرسىز قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە تارىخى تاكى ناتسىستلار دەۋرىگە تۇتىشىدىغان ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق پوزىتسىيەنى داۋام قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقى مۇنازىرە قىلىنغان ئىدى. بۈگۈن بىز بۇ سوئالغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ۋالكسۋاگىن شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەركىزى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولساقمۇ ئۇلاردىن بۇ ھەقتە بىر جاۋاب كەلمىدى.

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى روشەن ئابباس خانىم بولسا بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە نۆۋەتتە ئامېرىكادا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇشلىرىغا ۋاسىتىلىك بولسىمۇ ئارىلىشىپ قېلىۋاتقان شىركەتلەرگە جازا تەدبىرى قويۇش مەسىلىسى كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشىۋاتقان بىر شارائىتتا ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىگە قاراپ تۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. روشەن خانىم تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا NVW خەشتەگ ئارقىلىق ھەرىكەت قوزغاپ، ۋولكىسۋاگىنغا سىگنال بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقى تىۋىتتىر ۋە فەيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىشقا باشلىدى ۋە قوللاشقا ئېرىشتى. گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادىرىيان زېنز بولسا تىۋىتتىردىكى سۆزىدە ھەربىر كىشىنى ۋولكىسۋاگىن شىركىتىنىڭ خىتايدىكى مەركىزىگە ھەر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر ئەۋەتىش ئارقىلىق شىركەتكە بېسىم پەيدا قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.