ۋاشىنگتوندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 14 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ جايدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
2023.07.05
بۈگۈن، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 14 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ جايدا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.
بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ قانلىق كۈننى خاتىرىلەپ، يىغىلىش ئۇيۇشتۇرۇش، نامايىش ئۆتكۈزۈش ۋە باشقا ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
بىز ئالدى بىلەن ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ كاپىتال رىفلېكتىڭ كۆلى (Capitol Reflecting Pool) بويىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى»نى خاتىرىلەش نامايىشىنى نەق مەيداندىن زىيارەت قىلدۇق. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، رەسىم كۆرگەزمىسى شەكلى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00 گىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى توغرۇلۇق ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بۈگۈنكى نامايىشقا ۋاشىنگتون شەھىرى، ۋىرجىنىيە ۋە مارىلاند شىتاتلىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر جامائىتىدىن بىر قىسىم كىشىلەر خىزمەت ئورۇنلىرىدىن رۇخسەت سوراپ كېلىپ قاتناشقان. لاگېر شاھىتلىرىدىن تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن بۈگۈنكى نامايىشقا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىپ قاتناشقان. ئۇ ئامېرىكاغا كەلگەندىن بۇيان بۇ تۈردىكى نامايىشلارغا ئىزچىل ھالدا قاتنىشىش ئارقىلىق، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان، شۇنداقلا ھەر قېتىملىق نامايىشقا قاتنىشىشنى ئۆزىنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى دەپ قاراپ كەلگەن.
بۈگۈن يەنە ئاقساراي ۋە ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىمۇ بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئېلىپ بېرىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئىلتەبىر خانىم، دۇنيانىڭ سىياسىي مەركىزىي بولغان ۋاشىنگتوندا بىر كۈن ئىچىدە ئوخشىمىغان نۇقتىلاردا خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى، بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇنقى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلەش، مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە قارشى كۈچ كۆرسىتىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكا خەلقىگە ئاڭلىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ كۆرسەتتى.
تەپسىلاتنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.