كورونا ۋىرۇسى جېنىغا زامىن بولغان بىمارلار خىتايدىن باشقا ئەللەردىمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى.
ئامېرىكا سەھىيە دائىرىلىرى ۋاشىنگتون شتاتىدىكى مەلۇم بىر يۇقۇمدارىنىڭ شەنبە كۈنى قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسا، يەكشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە ۋە تايلاند قاتارلىق ئەللەرمۇ ئۆزلىرىدە تۇنجى قازا قىلغۇچىلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىتالىيە يەكشەنبە كۈنى يەنە 8 ئادەمنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، جۈمە كۈنىدىن بۇيان يېڭىدىن بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 240 قا يەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى يەكشەنبە كۈنى جەمئىي 35 كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارىنىڭ قازا قىلىپ، بۇ ۋىرۇستا ھازىرغىچە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 2870 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
شۇنىڭ بىلەن كورونا ۋىرۇسىدا قازا قىلغۇچىلار سانى دۇنيا بويىچە ئۈچ مىڭغا يېقىنلاشتى.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي دائىرىلىرى شەنبە كۈنىگىچە يەنە 573 يېڭى يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، خىتايدا ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 80 مىڭغا يېقىنلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ھالبۇكى، جەنۇبىي كورېيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى مەلۇم. جەنۇبىي كورېيە سەھىيە تارماقلىرى پەقەت يەكشەنبە كۈنىلا يېڭىدىن 586 كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغانلىقى، بىر ئادەمنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن جەنۇبىي كورېيەدە ھازىرغا كەلگۈچە دەلىللەنگەن ۋىرۇس يۇقۇمدارلىرى 3 مىڭ 730 غا، ۋىرۇستا قازا قىلغانلار 21 گە يەتتى.
كورونا ئۆپكە ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ يۇقىرىقى ئەللەردىن باشقا يەنە ئەرمېنىيە، ئىرېلاندىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، ئېكۋادور ھەمدە كۆپىنچە ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىدە بايقالغانلىقى مەلۇم.