قەشقەر خانئېرىقتا 120 كىشى جازا ئۆتەۋاتقان تاۋاقچى مەھەللىسىدىن پەقەت بىر كىشىلا جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن
2024.04.19
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان قەشقەر خانئېرىقلىق مۇھاجىرلاردىن بىرىنىڭ رادىيومىزغا ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ يۇرتى خانئېرىقتىكى تاۋاقچى مەھەللىسىدىن 2017-يىلىدىن كېيىن كېسىۋېتىلگەنلەردىن تۇنجى قېتىم بىر كىشى جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، بۇ كىشىنىڭ تاۋاقچى مەھەللىسىدىكى قاسساپ ماخمۇتجان مۇقەددەم ئىسىملىك كىشى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دوستلىرىغا ھاراق ئىچمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن 7 يىل جازا ئۆتەپ چىققانلىقى دەلىللەندى.
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان قەشقەر خانئېرىقلىق بىر مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇ يىل ھېيتنىڭ 2 -كۈنى قەشقەر خانئېرىقنىڭ تاۋاقچى مەھەللىسىدە، 2017-يىلى تۇتۇلۇپ 7 يىللىق كېسىۋېتىلگەن بىر كىشى جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن. دېيىلىشىچە بۇ، كەنتتە كېسىۋېتىلگەن يۈز نەچچە كىشىدىن بىرسىنىڭ تۇنجى قېتىم تىرىك ھالەتتە قويۇپ بېرىلىشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خەۋەر مەھەللىدە بەزى كىشىلەردە تۈرمىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئاز-تولا ئۈمىد پەيدا قىلىپ سۆيۈندۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەردە، ئەندىشە پەيدا قىلغان. چۈنكى قويۇپ بېرىلگەن كىشى تۇتقۇنلار ئىچىدىكى «جىنايى» قىلمىشى ئەڭ يەڭگىل سانالغانلاردىن بولۇپ، ئۇنىڭ 7 يىلدا قاماقتىن چىقىشى «جىنايىتى» ئېغىر بولغانلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلغان.
بىز بۇ ئۇچۇرنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، خانئېرىق يېزىسى تەۋە بولغان يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. خانئېرىقنىڭ تاۋاقچى مەھەللىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى مەزكۇر كەنتتە جەمئىي ھازىرغا قەدەر 120 كىشىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكى ۋە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما جازا ئۆتەپ چىققانلار ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. بەيدۇ ئۇچۇر ئامبىرىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە خانئېرىق يېزىسى 23 كەنت ۋە 31 مىڭ نوپۇستىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ھەر بىر مەھەللىدە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1400 چە كىشى ئىستىقامەت قىلىدىكەن. خانئېرىقلىق مۇھاجىرىنىڭ ئىنكاسىدا دېيىلىشىچە، تاۋاقچى 800 نوپۇسلۇق بىر مەھەللە بولۇپ، ئۇنىڭدا 100 نەچچە كىشى تۈرمىدە بولغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىملىرى جازا مۇددىتى ئېنىقسىز بولغان لاگېرلاردا ئىكەن.
خانئېرىقنىڭ يېڭىتام كەنتىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، تاۋاقچى مەھەللىسىدىن بۇ روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنى قويۇپ بېرىلگەن كىشىنىڭ قاسساپ ماخمۇتجان مۇقەددەم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ماخمۇتجان مۇقەددەم 7 يىللىق جازا مۇددىتىنى ئۈرۈمچىدىكى بىر تۈرمىدە ئۆتىگەن. ئۇنىڭ ساقچى سەپداشلىرىدىن خەۋەر تېپىشىچە، ماخمۇتجان مۇقەددەم، 2016-يىلىنىڭ ئالدىدا بىر سورۇندا دوستلىرىغا ھاراق ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن دىنىي رادىكاللىق گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان ۋە دەسلەپتە ئىككى يىل لاگېردا «تەربىيەلەنگەن»؛ 2019-يىلى كېسىۋېتىلىپ تۈرمىگە يۆتكەلگەن. بۇ خادىم تاۋاقچى مەھەللىسىدىن بۇنىڭدىن باشقا قويۇپ بېرىلگەنلەردىن خەۋەر تاپمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
خىتاينىڭ «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىسىدا ئۇشتۇمتۇت ھاراق تاشلىۋېتىش دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلانغانىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا يېڭىساردا 70 ياشلىق بىر بوۋاي ئوغلىنى ھاراقتىن توسقانلىقى ئۈچۈن 10 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان. ئۇنىڭ تۇتۇلۇشتىن 14 يىل بۇرۇن تويىدا ھاراق ئىچكەن ئوغلىنى ئەيىبلەپ تەنقىد قىلغانلىقى ئۇنىڭ رادىكاللىق قىلمىشىغا پاكىت سانالغان.
مەزكۇر ساقچى خادىمىنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ماخمۇتجان مۇقەددەمنىڭ دوستلىرىنى ھاراقتىن توسقانلىقى، «تەربىيەلەش» كە ئەكېتىلگەنلەر تەرىپىدىن، سوراق ۋە مەسىلە تاپشۇرۇش داۋامىدا پاش بولغان.
چەت ئەلدە ياشاۋاتقان خانئېرىقلىق مۇھاجىر، تاۋاقچى مەھەللىسىدە، 2017 -يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن ھازىرغىچە بىر كىشى تىرىك قويۇپ بېرىلگەندىن باشقا، 6 كىشىنىڭ جەسىتى چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان. ئەمما ئېنىقلاشلىرىمىزدا ئۇچۇرنىڭ بۇ قىسمى تېخى دەلىللەنمىدى.