روشەن ئابباس «ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2024.03.11
roshen-abbas-1024 نيۇ-يورك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباسقا 2024-يىللىق «ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» (Her Hero Lifetime Achievement Award) بەرگەن. 2024-يىلى 8-مارت، نيۇ-يورك
روشەن ئابباس

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس نيۇ-يورك ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسى تەرىپىدىن 2024-يىللىق «ئايال قەھرىمانلارنىڭ ئۆمۈرلۈك نەتىجە مۇكاپاتى» (Her Hero Lifetime Achievement Award) غا ئېرىشكەن. بۇ مۇكاپات بۇ يىللىق «8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» كۈنىدە بېرىلگەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان روشەن ئابباس خانىم، بۇ شەرەپنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

روشەن ئابباس خانىم، «بۇ مۇكاپات دۇنيانىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېدى.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ دېيىشىچە، ئۇ 7-مارت كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ «2023-يىللىق دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بېرىش يىغىنى» غا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان.

7-مارت كۈنى ئاخشىمى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئامېرىكانىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق دۆلەت ئەھۋالى ھەققىدە مەخسۇس نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتىگە ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتكەن. جۈملىدىن ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىتىدە ئاياللار ھوقۇقى، دۆلەت ئىچىدە قورال-ياراغلارنى كونترول قىلىش، كۆچمەنلەر ھوقۇقى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. ئۇ، ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە قىلغان سۆزىدە ئۇكرائىنا، پەلەستىن مەسىلىلىرىدىن باشقا يەنە خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختالغان.

روشەن ئابباس خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىن مەزگىلىدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتتە بولغان بولغان.

مەزكۇر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.