خاسىيەت ئابدۇللا: «خىتاي قىزىم ۋە نەۋرىلىرىمنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.10.15
Xasiyet-xanim-newirliri.jpg خاسىيەت خانىمنىڭ نەۋرىلىرى، ئىبراھىم ئابدۇرېھىم، مەدىنە ئابدۇرېھىم ۋە مەرۋە ئابدۇرېھىم. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئەنىق ئەمەس)
RFA/Azigh

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرى سىياسىتى سەۋەبلىك نۇرغۇن ئۇيغۇر ئائىلىلىرى پارچىلانماقتا.

يىللار بويى ۋەتەندە قالغان ئائىلە ئەزالىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ قىسمىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا. تۆت بالىنىڭ ئانىسى خاسىيەت ئابدۇللا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى يىللاپ قىزى ۋە نەۋرىلىرىدىن خەۋەر ئالالمايۋاتقان مۇھاجىرەتتىكى ئانىلارنىڭ بىرى.

خاسىيەت ئابدۇللا خانىم ئۈرۈمچى مىللىي شىپاخانىسىنىڭ ئاياللار بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان بولۇپ 2012-يىلى تۈركىيەگە كەلگەن. خاسىيەت خانىمنىڭ قىزى ساباھەت ئەسقەر ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، كۇنمىڭدىكى تۇڭگانلارنىڭ شىگوتۇ قىزلار مەكتىپىدە 4 يىل دىنىي مائارىپ تەربىيەسى ئالغان. ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ، بالىلار يەسلىسىدە خىزمەت قىلغان. كىيىن ئىلاھىيەت كەسپىدە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئابدۇرېھىم ئىسىملىك ئۇيغۇر يىگىت بىلەن توي قىلىپ بالىلىق بولغان. 3 يىلدىن كىيىن، يەنى 2014-يىلى ئىككى بالىسى ۋە يولدىشى بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن. 2015-يىلى يولدىشى بىلەن بىرگە ئاپىسىنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن. ئۈچ بالىنىڭ ئانىسى ساباھەت ئەسقەر 2016-يىلى ۋەتەندە قالغان بالىلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتكەن بولۇپ، شۇ يىلى 11-ئايدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولاش ھەرىكىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولانغان.

قىزىنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان خاسىيەت خانىم بۇ جەريان ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «2015-يىلى ساباھەت بىزنى كۆرۈش ئۈچۈن قىزىنى ئىلىپ يولدىشى بىلەن ئىستانبۇلغا كەلدى. ئىككى ئاي تۇرغاندىن كىيىن ۋەتەندە قالغان بالىلىرىغا چىدىماي ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتى. 2016-يىلى 11-ئايدا قىزىمنى زالىم خىتاي يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ئەكىرىپ كەتكەن، ھازىرغىچە خەۋەر يوق، ھېچكىم بىلەن ئالاقىمىزمۇ يوق. (20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى) دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالدۇق. قايسى تۈرمىدە؟ قەيەردە؟ ھېچقانداق مەلۇماتىمىز يوق. 3 نەۋرەم ھەققىدىمۇ ھازىرغىچە خەۋەر يوق. ۋەتەندىن ھېچكىم بىلەن ئالاقىمىزمۇ قالمىدى.»

ساباھەت ئەسقەر ۋە يولدىشى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كۈنسېرى قاتتىقلىشىپ كەتكەن ئىقامەت ئىشلىرى ۋە قايتىپ كېلىش ھەققىدە ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن كېلىۋاتقان بىسىم تۈپەيلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قايتىپ ئۈرۈمچىگە يەرلەشكەن. قىزى ساباھەت ئەسقەر ۋە كۈيئوغلى ئابدۇرېھىمنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان خاسىيەت خانىم نەۋرىلىرى ئىبراھىم ئابدۇرېھىم، مەدىنە ئابدۇرېھىم ۋە مەرۋە ئابدۇرېھىمدىن قاتتىق ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرىغا سولانغان، كەينىدىن تۈرمىگە تاشلانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلگەن ساباھەت ئەسقەرنىڭ تۈركىيەدىكى ئىنىسى ئىسكەندەر قايغۇلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

زىيارىتىمىز داۋامىدا خاسىيەت خانىم تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «دىنغا ئىشىنىش ۋە چەتئەلگە چىقىش جىنايەت ئەمەس. خىتاي قىزىم ۋە نەۋرىلىرىمنى تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىق ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلدى. بىز دۇنيادىن ئادالەت تەلەپ قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى ۋە ماڭا ئوخشاش تۈمەنلىگەن ئانىلارنى كۆز يېشىغا بوغۇۋاتىدۇ. مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن قىزىم ۋە نەۋرىلىرىمنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بۇ يىل سېنتەبىردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى گېرمانىيەدە ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «ئۇيغۇرلاردىن ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركىزى› دە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرىنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولۇپ، جەمئىيەت قوينىغا قايتىپ كەلدى. ھازىر ئۇ جايلاردا ھېچكىم قالمىدى» دېگەنىدى. بىراق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى قۇربانلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھازىرغىچە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ياكى قانۇنسىز ھالدا تۈرمىلەرگە سولانغان ئائىلە يېقىنلىرى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر ئالالمايۋاتقانلىقىنى، مەملىكىتىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.