4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇر كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

ئىستانبۇلدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان تەييارلىدى
2024.11.27
ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-01

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-02

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-03

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-04

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-05

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-06

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-07

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-08

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-09

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-10

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-14

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-15

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-16

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-17

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

ijtimaiy-teshkilat-yemenkisi-18

4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدىن كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 22-نويابىر، ئىستانبۇل RFA/Arslan

مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكى بىلەن تۈركىيە خالىسانە بىرلەشمە ۋەخپىسى تەرىپىدىن 11-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-قېتىملىق خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

يىغىن ئىستانبۇل ۋالىيسى داۋۇت گۈل ئەپەندى ۋە ئىسلام دۇنياسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەيۇپ ئىقبالنىڭ ئېچىلىش سۆزى قىلىشى ۋە لېنتا كېسىشى بىلەن باشلاندى. يىغىنغا 60 دۆلەتتىن 150 دىن ئارتۇق ئىجتىمائىي تەشكىلات قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى قاتنىشىپ كۆرگەزمە ئاچتى. ئۇلار زىيارەتچىلەرگە ۋە مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرنال ۋە دوكلاتلارنى تارقىتىپ كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى.

خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەرمەنكىسىدە، تەشكىلاتلار ئارا تونۇشۇش، مۇناسىۋەت ئورنىتىش، كۆچمەن مەسىلىلىرى، ئىنسانىيەت كىرىزىسلىرى ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى قاتارلىق مۇھىم تېمىلاردا يىغىن ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن «ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، بۇنىڭغا خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئىمىنھاجى رىياسەتچىلىك قىلدى. ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، يازغۇچى يۈسۈپ قاپلان ئەپەندى ۋە خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى ۋە بۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئىسلام دۇنياسىنى سۈكۈت قىلىش بىلەن تەنقىد قىلدى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىستانبۇل ساباھىددىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور يۈسۈپ قاپلان ئەپەندى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى كۈچەيتىش ئارقىلىق بېسىم قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە-خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ قويماستىن بەلكى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك. تۈركىيە خىتايغا بېسىم قىلالىشى ئۈچۈن خىتاي بىلەن سودا-تىجارەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك. خىتاي بىلەن بولغان سودا-تىجارەت مۇناسىۋىتى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا خىتايغا بېسىم قىلىش ئىمكانى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى خىتاي ئوتتۇرا شەرققە كېڭىيىشى ئۈچۈن تۈركىيەگە موھتاج».

پىروفېسسور دوكتور يۈسۈپ قاپلان ئەپەندى، خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىشنىڭ ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە بۈگۈن خىتاي زۇلۇمىنى قانداق توسۇپ قالالايمىز دېگەن نوقتىغا مەركەزلىشىشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ ماڭقۇرتلاشتۇرۇش سىياسىتىنى توختىتىش ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا شۇنى قىلىشىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي ئېمبارگو يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، دىپلوماتىك ۋە سىياسىي جەھەتتە مۇھىم ئىشلارنى قىلالايمىز. ئەڭ ئاددىي مىسال، تۈركىيە، مالايسىيا، ھىندونېزىيە، مىسىر ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق نوپۇسى كۆپ بولغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئېمبارگو قارارى ئالسا خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، مەسىلەن، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاساس مەزمۇن قىلىنغان، كۈچلۈك تەسىر قوزغىيالايدىغان چوڭ تىپتىكى فىلىملارنى ئىشلەش كېرەك ۋە بۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك».

بىز يەنە بۇ ھەقتە پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرمەنكىدە ۋەزىپە ئالغان شەرقىي تۈركىستان يېڭى ئەۋلاد ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەردان ئۇيغۇر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەردان ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە كەلگەن ئاساسلىقى تەشكىلات رەھبەرلىرى، زىيارەتچىلەر ۋە مۇخبىرلارغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك نەشر قىلىنغان كىتاب-ژۇرنال ۋە دوكلاتلارنى تارقىتىپ ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقان ۋە تەشكىلاتلار ئارا قايسى نۇقتىلاردا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىرلەشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.