ئالمۇتا باراخولكا بازىرىنىڭ قايتا-قايتا ئوت ئاپىتىگە ئۇچرىشى نارازىلىق پەيدا قىلدى
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.12.04
2013.12.04
inform.kz
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى «5 ستان» بويىچە ئەڭ زور توپ ۋە پارچە سېتىش تۈرلۈك ماللار بازىرى بولغان، ئالمۇتاغا جايلاشقان باراخولكىدا 17-نويابىر سەھەر 6 تىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئوت 14 سائەت كۆيگەن.
بۇ ئارىدا بىر مىليارد 700 مىليون دوللار قىممىتىدىكى مال كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان. بۇ خەلقئارالىق چوڭ بازاردىكى ماللارنىڭ كۆپ قىسمى خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن كىرگۈزۈلگەن ماللار بولۇپ ئۇيغۇر سودىگەرلەرمۇ خېلى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. دۇكاندارلار ئىچىدە ئۇيغۇرمۇ خېلى كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. رادىئومىزغا مەزكۇر ئوت ئاپىتى ھەققىدە يەتكۈزۈلگەن ئىنكاسلارغا قارىغاندا، دۇكاندارلار بىردەك «بازارغا قەستەن ئوت قويۇلدى» دېگەن گۇماندا ئىكەن. بۇ باراخولكىنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم كۆيۈشى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.