گېرمانىيەدە داۋاملىشىۋاتقان ئادەم ئۆلتۈرۈش ئەسەبىيلىكى ئەندىشە قوزغىماقتا
2016.07.25

گېرمانىيەدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيان بۇ ئەلگە پاناھلىق تىلەپ كەلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ، پۇقرالاردا كۈچلۈك ئەندىشە ۋە غەزەپ پەيدا قىلماقتا.
مەلۇمكى، بىر ھەپتە ئىلگىرى يەنى 18-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ۋۈرسبۇرگ شەھىرىدە 17 ياشلىق ئافغانىستان نەسىللىك بىر ياشنىڭ پىچاق ۋە پالتا بىلەن پويىزدا ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 5 كىشى ئېغىر يارىلانغان، ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلغان. دائىش تەشكىلاتى ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.
22-ئىيۇل ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئولۇمپىيا سودا مەركىزىدە يەنە 18 ياشلىق ئىران نەسىللىك بىر ياشنىڭ يانقورال بىلەن 10 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، 27 ئادەمنى يارىلاندۇرغان زور ۋەقە يۈز بەردى. ساقچى تەرەپ، بۇ ۋەقەنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى، 18 ياشلىق نېرۋا بىنورماللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇ ئىرانلىقنىڭ، كۆپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ نام چىقىرىشتەك ئەسەبىيلىككە خۇمار بولغانلىقىنى ئوچۇقلىدى. ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 18 ياشلىق بۇ ئىرانلىق، بۇندىن 5 يىل ئىلگىرى نورۋېگىيەدە 77 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن ئەسەبىي ئوڭچى برايۋىكسنى دورىماقچى بولغان.
22-ئىيۇل كۈنىدىكى ئەنسىز ۋەزىيەتتە، 20 ئەتراپىدىكى ميۇنخېن كوچىلىرىدىن قېچىپ كىرگەن ھەر مىللەت كىشىلىرى بىلەن د ئۇ ق ئىشخانىسىغا 5 سائەتتىن ئارتۇق قامىلىپ قالغان قۇرۇلتاي باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، گېرمانىيەدە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەقەلەرنىڭ يامان تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
بىراق، 22-ئىيۇلدىكى بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرى بېسىقماي تۇرۇپلا، 24-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن سائەت 6:20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، باۋارىيە تەۋەلىكىدىكى رەئۇتلىنگەن شەھىرىدىكى بىر ئاپتوبۇس بېكىتىدە 21 ياشلىق سۈرىيە نەسىللىك بىر ياشنىڭ كوچىدا ئۇزۇن پىچاق بىلەن قارا-قويۇق ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى سادىر بولدى. جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتىنىڭ بۈگۈن 25-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ۋەقەدە بىر ئايال كىشى ئۆلگەن، 5 ئادەم يارىلانغان. ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ تېررور ئارقا كۆرۈنۈشى بارلىقىنى ئىنكار قىلغان.
رەئۇتلىنگەن ساقچى كومىسسارى كىرىستيان رۆينېرنىڭ بۈگۈن مەتبۇئاتقا بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە سادىر قىلغۇچى سۈرىيەلىك ياش 30-40 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىچاقنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىر ئايالنى چاناپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، كوچىدا ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى كىشىنى ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنغان. ئۆلگۈچىدىن باشقا يەنە 5 كىشى يارىلانغان. 3 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر. يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ياش ۋەقەنى كۆرۈپ، قاتىلنى ماشىنىسى بىلەن سوقۇپ يىقىتقان. يارىلانغان قاتىل نەق مەيداندا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن. ھازىر دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
بۇ ۋەقەلەر يالغۇز گېرمانلاردا نارازىلىق قوزغاپلا قالماي، گېرمانىيە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەندىشە ۋە قارشى ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. گېرمانىيەنىڭ كارلىسرۇھې شەھىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندى، بۇ ۋەقەلەر پەيدا قىلغان تەسىر ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئەمما 24-ئىيۇل كەچتە يەنە باۋارىيەنىڭ ئانىسباخ شەھىرىدە گېرمانىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگىنىگە 2 يىل بولغان 27 ياشلىق بىر سۈرىيەلىك ئۆزىنى پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ۋەقەسى سادىر قىلدى. گېرمانىيە يەنە بىر قېتىم تەۋرەپ كەتتى. جەنۇبىي گېرمانىيە گېزىتى، ئەينەك، فوكۇس ۋە گېرمانىيەدىكى تۈرلۈك ت ۋ قاناللىرىنىڭ بۈگۈنكى مەلۇماتلىرىدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ۋەقەدە 12 كىشى يارىلانغان. 3 كىشىنىڭ يارىسى ئېغىر.
باۋارىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جوئاھىم ھېرمان بۈگۈن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ۋەقەنىڭ « تېررورلۇق ھۇجۇمى بولۇش ئېھتىمالى بار» لىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ ئىلگىرى روھى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن داۋالانغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ تىزىملىكىدىكى شەخس ئىكەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.
مەتبۇئاتلارنىڭ بۈگۈن بىلدۈرۈشىچە، ئانىسباختىكى بۇ ۋەقە 2500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان بىر مۇزىكا كېچىلىكى سورۇنى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. 27 ياشلىق سۈرىيەلىك بىلەتسىز ھالدا كۇلۇبقا كىرمەكچى بولغاندا قايتۇرۇۋېتىلگەن. ئۇ بەدىنىگە پارتلاتقۇچلارنى تېڭىپ كېلىپ، كەچ سائەت 10:10 ئۆتكەندە ئۆزىنى پارتلاتقان. ئۇ ئۆزى نەق مەيداندا ئۆلگەن. ۋەقەدە باشقا ئۆلگەنلەر بولمىغان. يارىلانغان 12 كىشى ھازىر داۋالانماقتا ئىكەن.
بۇ ئىككى ھەپتىدىن بۇيان باۋارىيە تەۋەسىدە ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئادەم ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى پۈتۈن گېرمانىيەدە زور ۋەھىمە يارىتىپلا قالماي، خەلقنىڭ چەتئەللىكلەرگە بولغان قاراشلىرى ۋە غەزەپلىرىنىمۇ كۈچەيتىپ بارماقتا. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەپەندىمۇ گېرمانىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن چەتئەللىكلەر سادىر قىلىۋاتقان بۇ خىلدىكى زوراۋانلىق، قاتىللىق ۋەقەلىرىنىڭ گېرمان پۇقرالىرىدا چەتئەللىكلەرگە قارىتا يامان پوزىتسىيە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى توماس دە مايسېرى بۈگۈن مەتبۇئاتقا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەلەرنىڭ تەشۋىقاتىنى يوغىنىتىۋەتمەسلىكنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خاتا ئۇچۇر تارقىتىپ كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىشنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.