گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار خالىسانە ئېلىم - سېتىم يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى
2016.10.09
8-ئۆكتەبىر گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2-قېتىملىق «كەرمىس» پائالىيىتى يەنى (خالىسانە ئېلىم-سېتىم يەرمەنكىسى) پائالىيىتىنى باشلاندى. ئىككى كۈن داۋام قىلغان بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كېلىپ ئىشتىراك قىلدى. بۇ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق «كەرمىس» پائالىيىتى يەنى (خالىسانە ئېلىم-سېتىم يەرمەنكىسى) بولۇپ، ماي ئايلىرىدا بىر قېتىم تەشكىللىگەن ۋە بەلگىلىك ئۈنۈم قازانغان ئىدى.
پائالىيەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىش نەتىجىسىدە، بىر قانچە كۈنلۈك جىددىي تەييارلىقتىن كېيىن، 8-ئۆكتەبىر شەنبە كۈنى باشلاندى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە يېمەك-ئىچمەك، كىتاب، دوپپا-كۆينەك ۋە سوۋغات بۇيۇملىرىدىن باشقا، كىچىك بالىلار ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە تاقلاش ئويۇنچۇقى قوشۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن بالىلار ئۈچۈن خۇشاللىنارلىق بىر ئىش بولدى.
پائالىيەتتە سېتىلغان تائاملارنى مەزكۇر جەمئىيەتنى قوللىغۇچى ئەپەندى-خانىملار ئۆزلىرى تەييارلىغان بولۇپ، پولۇ، كاۋاپ، سامسا، لەڭمەن، پېچىنە-پىرەنىك قاتارلىق يېمەك-ئىچمەكلەر تەمى ۋە مۇۋاپىق باھاسى بىلەن خېرىدارلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، كانۋا كۆڭلەك، ھەرخىل دوپپا، خانىم-قىزلارنىڭ شارپا، ياغلىق، لېچەكلىرى، ئاچچىق-چۈچۈك، تاتلىق تۈرۈملەر قاتارىدا، ئۇيغۇرچە كىتابلارمۇ ئېھتىياج ساھىبلىرىنى خۇشال قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان گوللاندىيەلىك بىر كىشى، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر خانىمغا ئۆيلەنگەنلىكى، بۇ يەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى كۆرۈش ۋە ئۇلارنى قوللاش يۈزىسىدىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تۈرك ياشمۇ، ئۇيغۇر بۇرادەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى قوللاش ۋە ئۇيغۇر يېمەكلىرىدىن ئېغىز تېگىش مەقسىتىدە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پائالىيەت تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىلى ۋە يىراق-يېقىندىن قوللاپ پائالىيەتكە كۈچ قوشقانلارمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە كۆرسەتكەن ئىخلاسى ۋە ئىجتىھاتلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتتىن ئالغان مەنپەئەتلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.