21 - مارت كۈنى تۈركىيىنىڭ ئوخشىمىغان شەھەر ۋە رايونلىرىدا نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەپ ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
ئۈمىد، بىرلىك، بەرىكەت، قىزغىنلىق، قېرىنداشلىق ۋە باھار پەسلىنىڭ خۇشاللىقى ئىپادىلىنىدىغان نورۇز بايرىمى ئىستانبۇلدا قىزغىن كۈتىۋېلىندى.
ئىستانبۇلدىكى تۈرك دۇنياسى باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئىستانبۇل ۋالىيىسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، تۈركىيە 66 - پىيادە قىسىمنىڭ باش گېنېرالى كامال باشاق، ئىستانبۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئەخمەت سالامەت، قىبرىس، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇللىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك، تۈرك، تۈركمەن قاتارلىق خەلقلەردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
تۈركىيىنىڭ مېھتىران گۇرۇپپىسى - مىللىي چالغۇ گۇرۇپپىسىنىڭ مارش ئوقۇشى بىلەن باشلانغان پروگراممىدا تۈرك دۇنياسنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىن كەلگەن خەلق ۋەكىللىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە نومۇر تەقدىم قىلدى. كېيىن ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ ۋە ھەمراھلىرى، شەرەپ مېھمانلار بىرلىكتە بازغان بىلەن تۆمۈر سوقتى، ئوت يېقىپ، ئۆتتىن ئاتلىدى، توخۇم سوقۇشتۇردى.
ئاخباراتچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن ئىستانبۇل ۋالىيىسى ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ نورۇز بايرىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- باھارنىڭ خۇشاللىقى بولغان نورۇز ھەممىمىزگە سالامەتلىك، خۇشاللىق ۋە بەخت ئېلىپ كەلگەي، بۇ گۈزەل بايرام، پەقەت ئانادۇلىيەدە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيادا، كافكازىيىدە، بالقانلاردا كەڭ بىر جۇغراپىيىدە كۆپلىگەن خەلقلەرنىڭ باھار بايرىمى بولۇپ تەبرىكلىنىدۇ. بۈگۈن توپراق جانلىنىپ كۈچەتلەر بىخ سۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىزگە يېڭى ئۈمىد ۋە خۇشاللىق كەلتۈرىدۇ، مەنمۇ بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىپ باشتا ئىستانبۇللۇقلار، تۈركىيە ۋە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.
كېيىن ۋالىي ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، تۈرك دۇنياسى باغچىسىدا قۇرۇلغان تۈرك مەدەنىيەت ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلدى، ۋالىي ھۆسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، ئۇيغۇر زىننەت رېستۇرانى، قازاق ئۆيى، قىرغىز، ۋە ئۆزبېك ئۆيلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ مىللىي مەدەنىيەت تاماقلىرى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى.
بۈگۈن ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، تۈركىيىنىڭ ئەسكى شەھەردە نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ بۇ پائالىيەتكە تۈرك دۇنياسىدىن 30 مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن مىركامىل قەشقەرلى قاتناشتى ۋە ئوغلى مۇجاھىد قەشقەرلى پائالىيەتنىڭ ئېچلىش مۇراسىمىدا جاراڭلىق شېئىر ئوقۇپ يىغىن زالىنى زىلزىلگە سالدى.
مۇجاھىد قەشقەرلىگە ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى ئويۇنچۇق قاتارلىق ماددىي بويۇم ھەدىيە قىلدى ۋە مۇجاھىد بىلەن توخۇم سوقۇشتۇرۇپ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئەسكى شەھەر تۈرك دۇنياسى نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان مىركامىل قەشقەرلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.