ئىستانبۇلنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىسىدىكى ئۇيغۇرلار

0:00 / 0:00

خىتاي بېسىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن قېچىپ تۈركىيىگە كەلگەن ۋە ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار زەيتىنبۇرنۇدا ھەر خىل شىركەت، دۇكان ۋە زاۋۇتلارنى ئېچىپ كۈندۈلۈك ئىجتىمائىي ھاياتىنى داۋام قىلماقتا. زەيتىنبۇرنۇنىڭ نۇرىپاشا ۋە سۇمەر مەھەللىرىگە كېلىپ كوچىلىرىدا ماڭغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر ئۆزىنى خۇددى ئۆز يۇرتىدا كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، چۈنكى نۇرىپاشا ۋە سۈمەر مەھەللىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئۇيغۇرلار، ئاشخانا، ناۋايخانا، سەتراچخانا، چۆچۈرەخانا، چايخانا، ئېلىكتېرىك جىھازلىرى دوكىنى ئېچىشتىن سىرت يەنە، مىللىي تىبابەت دورىخانىسى، كېسەل تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى، ئۆي - مۈلۈك سېتىش ۋە ئىجارىگە بېرىش ئورۇنلىرى، ئاپتوموبىل ۋە تاكسى كىرالاش شىركەتلىرى، تېلېفونخانا قاتارلىق ئىش ئورونلىرىنى ئاچتى. بۇ مەھەللىلەردە ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ئالاقىدار ھەر خىل كۈندىلىك ئېھتىياج بويۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

بىز نۇرىپاشا مەھەللىسىدىكى 63 - كۈچا يەنى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن كوچىسى دەپ ئاتىلىدىغان 63 - كۇچىنى ئارىلاپ يۈرۈپ بۇ كوچىدا ئېچىلغان ئۇيغۇرزادە مىللىي تىبابەت دورىخانىسى ۋە تەكلىماكان گۆش دوكانلىرىنى زىيارەت قىلدۇق ھەمدە ئۇيغۇرزادە مىللىي تىبابەت دورىخانىسىنى ئاچقان شەمسىنۇرخانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. شەمسىنۇر خانىم ئۆزىنىڭ ۋەتەندە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ياغلىق ئارتقانلىقى ۋە ئىسلامى كىيىم كەيگەنلىكى سەۋەبىدىن بېسىمغا ئۇچىرىغانلىقى سەۋەبىدىن خىزمەتنى تاشلاپ تۈركىيىگە چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكلىماكان قاسساپ دوكىنىدىكى مۇھەممەد ۋە ئابدۇللاھ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلاردىن ئۆز يۇرتىدىن نېمە ئۈچۈن ئايرىلىپ تۈركىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇلار بىردەك، يۇرتىدا يوق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، بېسىمدىن قېچىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى «تەكلىماكان» گۆش دۇكىنى
ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنۇ رايونىدىكى «تەكلىماكان» گۆش دۇكىنى (RFA/Arslan)

بىز نۇرىپاشا مەھەللىسىدە ياشايدىغان مەھمەتبەي ئىسىملىك بىر تۈركتىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئالدۇق. مەھمەتبەي مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر تۈركلىرى زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيىدە پاناھلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭ مەھەللەمدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر تۈركلىرى ياشايدۇ، ھازىرغىچە ئۇلاردىن بىرەر يامانلىق كۆرمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆرمەيمىز دەپ ئويلايمەن. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز.»