كانادادىكى يېڭى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ باشلىقى توم مۇلگىئېر ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى
2013.04.18

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندا كانادادىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە ھېسابلانغان NDP يەنى يېڭى دېموكراتىك پارتىيىنىڭ باشلىقى توم مۇلگىئېر ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك مەلۇمات ئالغان.
كانادادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يېڭى دېموكراتىك پارتىيە، كانادادىكى نوپۇزلۇق بىردىن-بىر ئۆكتىچى پارتىيە بولۇپ، 2015-يىلى كانادادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان پارتىيىلەرنىڭ بىرى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىش كانادا پارلامېنت بىناسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىر سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان.
ئىگىلىشىمىزچە، كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بۇ پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 3 ئاي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. قوبۇل قىلىشقا توم مۇلگىئېر ئەپەندىدىن باشقا يەنە 4 نەپەر مىللەت ۋەكىلىمۇ قاتناشقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھال ئەھۋالىنى ئاڭلىغان. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى قېيۇم مەسىموف بۇ ھەقتە بىزگە مەلۇمات بەردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.