پرېزىدېنت باراك ئوباما ئا ت ئى ھ م نىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى باشلانغان دۈشەنبە كۈنى سودا ساھەسىگە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭ دۇنيا تەرتىپىگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشى ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق. بىراق بېيجىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ قائىدە - تۈزۈمىگە ئەمەل قىلىشى، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك.
ئۇ، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى گۈللەنگەن، تىنچ ھەم مۇقىملىققا ئىگە خىتاينى قارشى ئالىدۇ» - دەپ كۆرسىتىپ، بىراق - «بىز خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، سودا مەنپەئەتى ئۈچۈن توردا سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشنى رەت قىلىدىغان، ئىجاتچانلىققا ئىگە بىر ئىقتىسادى گەۋدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز........... ئاخىرىدا، پۇل كۇرسى بازار ئارقىلىق بەلگىلىنىدىغان، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغدايدىغان يولغا مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمىز. بىزنىڭ بۇ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، ئۇنىڭ بىزگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس. بىزنىڭ خىتايغا بۇ ئىشلارنى قىلىشنى تەكلىپ قىلىشىمىز، ئۇ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈندۇر» دېگەن.
ئا ت ئى ھ م بېيجىڭ يىغىنى ھەم پرېزىدېنت ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتى ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئىختىلاپ تۇغۇلغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوباما ئا ت ئو ئى م ئالىي دەرىجىلەر ئۇچرىشىشىدا قىلغان سۈزىدە بولسۇن ۋە ياكى سودا سەھەسىدىكىلەرگە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ ئىستەك - تەلەپلىرىنى دىپلوماتىك سۆزلەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تېررورلۇق، كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە باشقا ئىختىلاپتىكى نازۇك مەسىلىلەر سەيشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ رەسمىي كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ.
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئا ت ئى ھ م نىڭ بۇ يىغىنى، ئامېرىكا خىتايغا قانداق سىياسەت يۈرگۈزۈش مەسىلىسىدە تەۋرىنىپ تۇرغان ئۆتكۈنچى بىر دەۋردە ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇرۇنقى ئامېرىكىنىڭ پوزىتىسىيەسى خىتاينى ئىقتىسادى تەرەققىياتقا ئەگىشىپ، تەدرىجى ھالدا دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئوچۇقچىلىق، پىكىر ئەركىنلىكى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى دېگەندەك ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىگە يۈزلىنىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ماڭىدۇ، دېگەن قاراش داۋام قىلىپ كەلگەن. شۇڭا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىىۋەتتە بىر خىل خىتايغا ياردەم قىلىش، ماسلىشىش، تەنقىدنى يۇمشىتىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ كەلگەن. بىراق خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى، ياپونىيە بىلەن سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە، ئىسلاھات تەلەپ قىلغان خىتاي دېموكراتلىرىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلھام توختىدەك مۆتىدىل پىكىردىكىلەرنى قولغا ئېلىپ، تور بەتلەرنى كونترول قىلىشى نەتىجىسىدە، غەرب ھەم ئامېرىكا خىتاي ئىقتىسادى تەرەققى قىلسىمۇ، دېموكراتىيەگە ماڭمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھازىر بىر خىل ئۆزگىرىش جەريانىدا تۇرىۋاتىدۇ. يەنى ھازىرقى دەۋر نەق ئۆتكۈنچى دەۋر. بۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىمۇ داۋاملىق بۇرۇنقى سىياسەتنى قوللىنىش كېرەكمۇ ياكى يېڭى سىياسەت قوللىنىپ قاتتىق تۇرۇش كېرەكمۇ دېگەندە تەۋرىنىپ تۇرىۋاتىدۇ.
نۆۋەتتە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى ئەزالار ھەم ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى گۇرۇھلار ئوبامانىڭ سەيشەنبە كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇقنى، بولۇپمۇ ۋىجدان مەھبۇسلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا كۈچلىك بېسىم ئىشلىتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.
ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىئو بىلەن بېن كاردېن ئوباما خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشىدىن ئاۋۋال خەت يېزىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش خىتاينىڭ ئىستىبدات كونتروللۇقىغا قۇربان بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇلار ئوباماغا يازغان خېتىدە، ئۇنىڭ ئىلھام توختى، ليۇ شاۋبو قاتارلىق تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىشىشىگە تاشلاپ قويۇشقا بولمايدىغان بەك مۇھىم مەسىلە، دېگەن. ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشى قانۇن بىلەن باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك ۋە ئامېرىكا - خىتاي ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە.
لېكىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئوباما سەيشەنبە كۈنكى يىغىندا كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئىلھام توختى قاتارلىقلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشىگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئەتىنى قايرىپ قويۇپ، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى 1 - ئورۇنغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى، ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلغان تۈرمىدىكى مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشنى ھەم خىتايدا قانۇنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىشى توغرا يول. بىراق ئوباما ئەتىدىكى يىغىندا بەلكى بۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. لېكىن قانچىلىك نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، دېگەندە ھازىرغىچە كۆپ ئىلگىرىلەش بولمىدى. ئەمەلىيەتتە، خىتايدىكى ۋەزىيەت بارغانچە نا چارلىشىپ كەتتى. مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى، مەيلى تىبەتنىڭ ۋە ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئەھۋالى ناچارلىشىپ كەتتى. مەن بۇنىڭدا بەك ئۈمىدلىك ئەمەس.
بىراق ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. ئۇ خىتايغا كۈچلۈك سىگنال بېرىپ تۇرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە داۋاملىق تەكىتلەپ تۇرۇش ئەھمىيەتلىك. بۇ دېگەنلىك، دۇنيادا ئىنسانلار ئورتاقلاشقان بىر خىل ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان، باراۋەرلىك، قىممەت قاراشنى ئاساسى پرىنسىپ قىلىش، دۇنيانىڭ ئاساسى ئېقىمى، دېگەن سىگنالنى بېرىدۇ. خىتاينىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كەينىدە قانچىلىك قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بەك مۇھىم.
پرېزىدېنت ئوباما دۈشەنبە كۈنى سودا ساھەسىدىكى زاتلارغا سۈزلىگەن نۇتۇقىدا يەنە، ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئەھۋالى ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شۇڭا، ھەممە دۆلەت چوقۇم بىر خىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشى كېرەك ئەمەسلىكىنى، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ بولسىمۇ، بىراق بەزى ئورتاق ئۆلچەم ۋە غايىلەرنىڭ ھەممىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مىسال قىلىپ، «ئەگەر بىزنىڭ ياشلىرىمىزغا تاللاش توغرا كەلسە، ئاز ئۇچۇر بىلەن قانائەت قىلىشنى ئەمەس، تېخىمۇ كۆپ دۇنيا ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەگەر ئىشچىلار تەشكىللىنىشكە يول قويۇلسا، ئۇلار يارىدار بولۇشنى ئەمەس، خىزمەت شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېگەن.
0:00 / 0:00
