قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەملىكەت خەلقىگە يوللىغان نۆۋەتتىكى مەكتىپىدىن كېيىن يەرلىك ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە دۆلەت نامىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ئەتراپىدا بەس-مۇنازىرە كۈچەيدى.
بەزى قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناسلار، ئانالىزچىلار، زىيالىيلار ۋە باشقىلار پرېزىدېنتنىڭ مەزكۇر تەكلىپىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىجابىي قوبۇل قىلماقتا. مەسىلەن، مۇستەقىل ئانالىزچى ئەمىرجان قوسانوف ئۆزىنىڭ «كۇرسىف كز» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن سۆھبىتىدە «قازاق ئېلى» نىڭ ھەر بىر قازاق ئۈچۈن مۇقەددەس نام ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مىللەتچى-ۋەتەنپەرۋەر مۇختار تايجانمۇ بۇ تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق نامنىڭ ئۇزۇندىن بېرى مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىياسىي ئەرباب پيېتر سۋوئىك پرېزىدېنتنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسىنى «سىياسىي ۋەسىيەت» دەپ ئاتىدى. ئەمدى «تيۇركىست» مۇستەقىل گېزىتىدە بېسىلغان «قازاقىستاننى تۇران دەپ ئاتاش تەكلىپ قىلىندى» ناملىق ماقالىدا تۈركىي خەلقلەرنىڭ دۇنياۋى ئاسسامبلېيىسى رەئىسى ئاكادېمىك يېرمېنتاي سۇلتانمۇراتنىڭ بۇ ھەقتە شەخسىي تەكلىپى بېرىلگەن ئىدى. ئالىم قازاقىستاننى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى دەپ كۆرسىتىپ، مەملىكەتنى تۇران دەپ ئاتاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ تۇران چۈشەنچىسىگە چوڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «بۇ مۇھىم بىر دەۋر - تۈركىي خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىدىغان ماياك، سىمۋول بولۇپ، بۇ، شۇ جۈملىدىن، قازاق خەلقىنىڭمۇ ساقلىنىپ قېلىش ۋە ئويغىنىشىنىڭ كاپالىتىدۇر».
ھازىر مەملىكەت نامىنى ئىلگىرىكىدەك «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى» دېگەن نامدا قالدۇرۇش،شۇنداقلا «قازاخىيا»، «قازاق رېسپۇبلىكىسى» دەپ ئۆزگەرتىش، مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرىنى قانداق دەپ ئاتاش ئەتراپىدىمۇ ھەر خىل پىكىر-تەكلىپلەر كېلىپ چۈشمەكتە.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئالىم رابىك ئىسمايىلوف ۋە ژۇرنالىست ئابدۇكېرىم تۇدىياروفلار بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.