رابىيە قادىر توكيودا تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاينى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2017.02.12
rabiye-qadir-yaponiye-tibet-2017.jpg رابىيە قادىر خانىم تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي بىلەن كۆرۈشمەكتە
RFA/Haji Qutluq Qadiri


11-فېۋرالدىن باشلاپ ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم توكيودىكى ئوكۇرا مېھمانخانىسىنىڭ زىياپەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاينى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە شەرەپ مېھمىنى بولۇپ قاتناشتى.

مەزكۇر كۈتۈۋېلىش زىياپىتىنى توكيودىكى تىبەت ئىشخانىسى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان لوبساڭ سانگاينى قارشى ئېلىش زىياپىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن شەرەپ مېھمىنى بولۇپ قاتناشقا شۇنداقلا زىياپەتتە تىبەت باش مىنىستىرى لوبساڭ سانگاي بىلەن سۆھبەتتە بولغان.

كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە رابىيە قادىر خانىم سۆزگە تەكلىپ قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىدىن قىسقىچە دوكلات بەرگەن.

پائالىيەت ئىككى سائەت ئەتراپىدا داۋاملاشقان بولۇپ، 150 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.