«ئىيى» پارتىيەسى: «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىمىز»
2018.10.15

تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسى، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.
تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەرگە دوكلاتلارنى سۇنۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈشكە چاقىرماقتا. بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەسئۇلى، پارلامېنت ئەزاسى ياۋۇز ئاغىرالىئوغلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنى جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىشنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي بۇرچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: «بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى، قېرىنداشلىرىمىزغا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ۋەھشىيلىكنى قىلماقتا. ئۇ يەردىكى تۈركىي مىللەتلەر بۇنداق ئېغىر بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى ھەر جەھەتتىن ھېس قىلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئەڭ نازۇك مەسىلىمىز، شۇڭا بۇنى تۈركىيە پارلامېنتى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركلەرنىڭ ۋە تۈرك پارلامېنتىنىڭ نومۇسى مەسىلىسىدۇر، كېلەچىكىمىزگە ئىگە چىقىش مەسىلىسىدۇر! بۇ مەسىلىگە بىز ئۆز ئائىلىمىزگە، بالا-چاقىلىرىمىزغا ئىگە چىققاندەك ئىگە چىقىمىز. بۇ مەسىلىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويىمىز. تۈركىيە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىككە ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش بىزنىڭ قېرىنداشلىق ۋە مۇسۇلمانلىق بۇرچىمىز».
تۈركلەر تارىخ كىتابلىرىدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بۇندىن مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى يازىدۇ. شۇڭا تۈرك خەلقى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەمما تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردۇغاننىڭ ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغىچە «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى توغرىسىدا خىتايغا ئىنكاس قايتۇرماسلىقى ئۇيغۇرلار شۇنداقلا بەزى تۈركلەر ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلماقتا. «ياخشى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى مەسئۇلى ئاغىرالىئوغلۇ بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «دۆلەت رەئىسىمىز پەلەستىن مەسىلىسىگە ناھايىتى بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا پەلەستىن مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۆلەت رەئىسىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ بىر نەرسە دېيىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا بىز تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بىر نەرسە دېيىشىنى تەلەپ قىلىمىز».
ئۇ، «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توغرىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيە پارلامېنتىدا نېمىلەرنى قىلماقچىسىلەر؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈركىيە پارلامېنتىدا بۇ مەسىلە توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز تۈركىيە پارلامېنتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بۈگۈن ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىلەر تاشقى سىياسىتىمىزنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتىدۇ. 4 مىليون سۈرىيەلىك مۇساپىرغا ئىگە چىقىۋاتىمىز. بۇلارنىڭ ئىپپىتىگە، جېنىغا زىيان تەگمىسۇن دەپ ئىگە چىقتۇق. سۈرىيەلىككە ئىگە چىققاندەك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ ئىگە چىقىمىز. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئىگە چىقىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز».
ئۇنداقتا ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇشى، مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى ھۆكۈمەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتەر؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە، پارلامېنتنىڭ رولىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى، «جازا لاگېرلىرى» توغرىسىدا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى ئەگەر تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقسا، ھۆكۈمەتنىڭمۇ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا مەجبۇر قالىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
«ئىيى»، يەنى «ياخشى» پارتىيەسى تۇنجى بولۇپ 6-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئەيىبلىگەن ئىدى. 2-ئۆكتەبىر كۈنى پارتىيە باشلىقى مېرال ئاقشەنەر خانىم تۈركىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييپ ئەردوغاننى ئەيىبلىگەن ئىدى.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ باشلىقى مەرال ئاقشەنەر خانىم 2-ئۆكتەبىر كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: «ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئۇيغۇرلار لاگېرلارغا قامىلىپ ئازاب چەكمەكتە، ئەمما رەجەپ تاييپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ئەدلىيەسى بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمەيۋاتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ زۇۋانىغا ئايلانغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاينىڭ زۇۋانىدەك شەرقىي تۈركىستاننى 'شىنجاڭ' دەۋاتىدۇ. ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييپ ئەردوغان، مەن سىزدىن سوراپ باقاي، بۇ ھەقتە خىتايغا بەرگەن بىر ۋەدىڭىز بارمۇ-قانداق؟»
بۇ باياناتقا تۈركىيەدىكى تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ-كۆلەمدە ئورۇن بېرىلگەن ئىدى.