پۇتىن ئۇكرائىنانى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، يېڭى پرېزىدېنت سايلاپ چىقىلىش بىلەن تەڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى بەزى جايلاردا ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى بىلەن رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈزبەردى. نەتىجىدە، ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پۇتىن ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس كۈچلەر تەرىپىدىن دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇلغان دونېتسك شەھىرىدىكى ئايرودرومدا دۈشەنبە كۈنى ئۇكرائىنا قوشۇنلىرى بىلەن رۇسىيەپەرەس كۈچلەر ئارىسىدا جەڭ يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 40 ئادەم ئۆلدى. ھەربىي ھەرىكەتلەر بۇ رايونلاردا يەنىلا داۋاملاشماقتا. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىردى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت پۇتىن ئۇكرائىناغا قىلغان چاقىرىقىنى سەيشەنبە كۈنى ئىتالىيە پرېزىدېنتى ماتتېئو رېنزى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ئوتتۇرىغا قويغا بولۇپ، پۇتىن يەنە كىيېۋ دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، رايون ئاھالىسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

دۈشەنبە كۈنى دونېتسك شەھىرىدىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق كۈچلەر شەھەردىكى ئايرودرومغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قاتتىق جەڭ يۈز بېرىپ، ئۇكرائىنا ئارمىيىسى قوراللىق رۇس پىدائىيلىرىنىڭ ھۇجۇمىنى تارمار قىلىپ، 30 كىشىنى ئۆلتۈرگەن. ھەتتا دونېتسك قاتارلىق جايلاردا سەيشەنبە كۈنىدىمۇ قوراللىق توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت، ئاھالىلەرنى سىرتقا چىقماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

يەكشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان دونېتسك ۋە لۇگانسك ئوبلاستلىرىدا سايلامغا توسقۇنلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى دونېتسك شەھىرىدىكى رۇسىيەپەرەس مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ قوراللىق پىدائىيلىرىغا قارشى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سالغان بولۇپ، ئۇكرائىن پاراشۇتچى قىسىملىرى ھەرىكەتكە قاتناشقان. نۆۋەتتە، ئۇكرائىنا قوراللىق كۈچلىرى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رۇسىيەپەرەس قوراللىق پىدائىيلارغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئەھۋال كرېمىلنى بىئارام قىلغان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفمۇ ئۇكرائىنا قوشۇنلىرىنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى توختىتىشىنى بىلدۈرگەن. لاۋروف ئۇكرائىنانىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى پېتىر پوروشېنكونىڭ رۇسىيەنى زىيارەت قىلىشىنى مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارايدىغانلىقى، چۈنكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇكرائىنا ئالدى بىلەن ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پېتىر پوروشېنكو پرېزىدېنتلىققا سايلىنىپلا قىلغان سۆزىدە رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچرىشىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىشىش لازىملىقىنى، بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى رۇسىيەسىز ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.

يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا «شاكىلات پادىشاھى» دەپ نام ئالغان 48 ياشلىق تىجارەتچى پېتىر پوروشېنكو غەلىبە قازانغان بولۇپ، ئۇ ئۆز غايىسىنىڭ قىرىمنى ئۇكرائىنانىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭدەك شەرقىي ئۇكرائىنانى ئايرىۋەتمەكچى بولغان بۆلگۈنچىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئۇكرائىنا دائىرىلىرى رۇسىيەنىڭ شەرقىي ئۇكرائىنادىكى قوراللىق گۇرۇپپىلارغا ياردەم كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە.

پۇتىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ سايلىمىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما، تېخى ھازىرغىچە يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنت پوروشېنكونى تەبرىكلىمىگەن. بىراق، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما پېتىر پوروشېنكونى تەبرىكلىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پوروشېنكوغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭ سايلام غەلىبىسىنى تەبرىكلىگەن شۇنىڭدەك يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۇنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى پۇتىن ئۇكرائىنا چېگراسىدىكى قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىر قىسىم قوشۇنلار چېكىنىشكە باشلىغان بولسىمۇ،ئەمما شەرقىي ئۇكرائىنا چېگراسىدا يەنىلا ئاساسلىق قىسىملار تۇرماقتا. ناتو رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم چېكىنىۋاتقانلىقى، بەلكى بۇنىڭ رۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ بۇ جايدىن پۈتۈنلەي چېكىنىشىنىڭ سىگنالى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

رۇسىيە قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى، جۈملىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدە تەشكىلاتى رۇسىيەدىن ئىزچىل تۈردە ئۇكرائىنا چېگراسىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى ۋە شەرقىي ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىدى.