ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا ژۇرنالىست ۋە يازغۇچىلارغا زىياپەت بەردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.12.16
turkiye-instanbul-zhurnalist-yazghuchilar-2016-2.jpg ئىستانبۇلدىكى ژۇرنالىست ۋە يازغۇچىلار
RFA/Erkin Tarim


تۈرك خەلقى قېرىنداش ئۇيغۇر خەلقىغە داۋاملىق ھېسداشلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، 15-ئىيۇلدا يۈز بەرگەن ھەربىي ئۆزگىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، ئىككى ئايدىن بېرى تۈركىيەنىڭ نورماللىشىشىغا ئەگىشىپ قايتىدىن تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى خادىملىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتپكە ئېلىپ كېلىۋاتقان ژۇرنالىست، مۇخبىر ۋە مۇتەخەسسىسلەرگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئاقشام ئىستانبۇل «مېھمان» رېستورانىدا ئۇلارغا چوڭ زىياپەت بەردى. زىياپەتكە بەزى تېلېۋىزىيە پروگراممىسى رىياسەتچىلىرى، يازغۇچىلار، تارىخچىلار ۋە ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلدى. دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن زىياپەتكە بەڭگۇ تۈرك تېلېۋىزىيەسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى ئادۋوكات ھەسەن بەسرى ئەپەندى، ژۇرنالىست ۋە تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىسى مەمەت فاتىھ جان ئەپەندى، ت ۋ 24 تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئان ۋە تارىخ» ناملىق پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كوراي شەربەتچى ئەپەندى، ژۇرنالىست، يازغۇچى فارۇق كۆسە ئەپەندى، «ئوسمانلى ئارخىپلىرىدا شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى تارىخچى سۈرەييا ئاتىللا ساغلامچۇبۇكچۇ ئەپەندى، ژۇرنالىست، نەشرىياتچى ئاكىف ئۆزتۈرك ئەپەندى ۋە ئادۋوكات تۇران بابايىگىت قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلدى. ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇللىرىدىن ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيۇشتۇرغان زىياپەتكە يەنە، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋىي تەشكىلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى ۋە بەزى زىيالىيلار ئىشتىراك قىلغان.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى كېيىنكى 3 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈركىيەدە 4-5 پروگرامما تارقىتىلغانلىقىنى، بۇلارغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن بۇ زىياپەتنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ تور گېزىتىدە ماقالىسى ئېلان قىلىنىۋاتقان دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ژۇرنالىست، تېلېۋىزىيە پروگرامما رىياسەتچىلىرى، تارىخچى ۋە يازغۇچىلار شۇنداقلا ئىستانبۇلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان زىياپەتتە ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەرنىڭ چۈشكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇلدىكى ژۇرنالىست ۋە يازغۇچىلار
زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان ت ۋ 24 تېلېۋىزىيە قانالىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى كوراي شەربەتچى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، «زىياپەتتە، ئۇيغۇر دەۋاسىنى تۈركىيەدە قانداق ئاڭلىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپتۇ، سىزچە قانداق ئاڭلىتىش كېرەك؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «تەبىئىيكى، بۇ مەسىلىنى ئاڭلىتىش كېرەك. جەمئىيەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئاڭلىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى پەقەتلا خىتاي زۇلمى ئارقىلىقلا ئەمەس، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرق قەلئەسى ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت جەھەتتىنمۇ ئاڭلاتساق تېخىمۇ تەسىرلىك بولىدۇ. سىمۋوللار ئارقىلىق ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، كۆك بايراق، مەن بەزى ياشلارغا كۆك بايراقنى كۆرسەتكەن ۋاقتىمدا كۆرۈپ ھەيران قالدى. مەن كۆك بايراق ئارقىلىق ئاڭلاتسام، تېخىمۇ بەك يادىدا قالدى. قىسقىسى ئاتا يۇرتىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مەسىلىلەرنى ھەر جەھەتتىن ئاڭلىتىشىمىز كېرەك.»

پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتلىقى جەھەتتىنلا ئەمەس، ھەر جەھەتتىن تونۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، تۈركىيىدىكى رادىيو، تېلېۋىزىيە ۋە گېزىت، ژۇرناللاردا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئاڭلىتىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىمۇ ئاڭلىتىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.