ياپونىيە ئاخباراتى: خىتاي بېكىتكەن «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى» نىڭ ئەھمىيىتى زور ئەمەس

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.02.27
senkaku-xitay-yapon.JPG سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە خىتاينىڭ ھاۋا بوشلۇقى. (مەزكۇر سۈرەت 2013-يىلى يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر ناملىق ياپونچە كىتابتىن سۈرەتكە ئېلىنغان)
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە چىقىدىغان «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 22-فېۋرال سانىدا ئېلان قىلىنغان «خىتاي بېكىتكەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ئۈچ ئايدىن بېرى»، «خىتاي بېكىتكەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنىڭ ئەھمىيىتى زور ئەمەس» سەرلەۋھىلىك ماقالىلەردە، خىتاي خەلقئارا جەمئىيەتكە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ئېلان قىلغانلىقىغا 2-ئاينىڭ 23-كۈنى دەل ئۈچ ئاي بولغانلىقى، خىتاينىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقى رايونىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون بولۇپ، ياپونىيە تەرەپ دەسلەپتە بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىپ، ئىزچىل ھالدا بۇ رايون ۋەزىيىتىنى كۆزەتكەنلىكى، ئەمما خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ تەھدىت سېلىشى كۆرۈنەرلىك بولمىغانلىقى بايان قىلىنغان.

ماقالىدە،خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى باياناتىدا 1-ئاينىڭ 23-كۈنى بۇ رايونغا كىرگەن چەتئەل ھاۋا ئارمىيىسى ئايروپىلانلىرىنى خىتاي تەرەپ تىز سۈرئەتتە قوغلاپ، ئاۋاز ئارقىلىق سىگنال بېرىپ ئۆز تەۋەلىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ بۇ رايونغا كىرگەن چەتئەل ئايروپىلانلىرىغا ئاۋاز ئارقىلىق سىگنال بېرىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئوخشىمىغان ئىككى دۆلەتنىڭ قارمۇ-قارشى سىستېمىدىكى ھاۋا ئارمىيە ئايروپىلانلىرىغا رادىئو دولقۇنلىرى ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش تېخنىكىسىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى دەلىللىگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ماقالىدە، خىتاي ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىدىن خىتاينىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىدىن ئۇچۇپ ئۆتىدىغان يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتىپ ئۆزلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى ئۆتۈنگەن بولسىمۇ، ئەمما ياپونىيە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرى خىتاينىڭ بۇ تەلىپى بويىچە ئىش كۆرمەي ئىلگىرىكىدەك ئۇچۇۋەرگەنلىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇلار خىتاينىڭ ھېچقانداق جازاسىغا ئۇچرىمىغانلىقى، لېكىن خىتاي شۇنداقتىمۇ بۇ رايوننى قوغداش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە، خىتاي ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ھەتتا جەنۇبىي دېڭىزغىچە كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى خىتاينى بۇ پىلانىنى كېڭەيتمەسلىككە دەۋەت قىلغان، ئەمما خىتاي ئۆزىنىڭ بۇنى زورايتىش نىشانىنىڭ بارلىقىدىن تېنىۋېلىپ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى «باشقا دۆلەتلەر بىزنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى قۇرۇشىمىزغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئاچچىقلىنىدۇ؟ باشقىلار بۇ خىلدىكى ھاۋا مۇداپىئە رايونىنى ئاللىقاچان قۇرۇپ بولدى » دېگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ماقالىدە بېيجىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇڭ زىنىڭ «يېقىندىن بۇيان كۆپلىگەن ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بۇ رايونغا كىرىپ بىزنى كۆزەتمەكتە. ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ كىرىش قېتىم سانى ۋە شۇنداقلا ئايروپىلان سانى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر سەتچىلىك. بىز ئەلۋەتتە بۇ رايوننى جەنۇبىي دېڭىزغىچە كېڭەيتىشىمىز كېرەك» دېگەن مۇلاھىزىسىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە «ھېچنېمە ئۆزگەرمىدى» سەرلەۋھىلىك ماقالىمۇ قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ماقالىدە ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ ئۇنىڭدا مۇنداق بايان قىلىنغان: «خىتاي گەرچە ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلان بۇ رايوندا ھېچقانداق ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىدى. خىتاي بەلگىلىگەن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي تەرەپ ئۆز قۇرۇقلۇقىدىن يىراق بولغان بۇ ھاۋا بوشلۇقىدا ئۆزىنىڭ ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى رادار ئارقىلىق كۆزىتىشى تولىمۇ تەس. خىتاي بۇ رايوننى كۆزىتىشكە توغرا كەلسە، خىتاي ئايروپىلانلىرىغا رادار ئورنىتىپ كۆزىتىش ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئەمما خىتاي ئايروپىلانلىرى ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرەلمىگەنلىكتىن، بۇ رايوننى كۆزىتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتاي ئۈچۈن ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونى قۇرۇش بىر مەنىسىز ئىش. خىتاينىڭ ھەمىشە كۆزىتىش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز دېگىنى قۇرۇق گەپ.»

ماقالىدە، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ھاۋا ئارمىيىسى ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىدا يات ئەللەرنىڭ ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۇچۇشى سېزىلگەندە دەرھال كۆزىتىش ئايروپىلانى ئەۋەتىپ،رۇخسەتسىز كىرگەن ئايروپىلاننى سۈرەتكە تارتىپ، ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يوللايدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئېلان قىلىدۇ. مەسىلەن: خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا ئىككى قېتىم، 10-ئايدا ئىككى قېتىم ۋە شۇنداقلا 11-ئايدا ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكى سۈرەتكە تارتىلىپ، ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىندى. خىتاي ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش رايونىنى ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغان كۈنى خىتاينىڭ ئايروپىلانى قانۇنسىز ھالدا ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىردى. شۇندىن ئېتىبارەن تا ھازىرغىچە پەقەتلا ئىككى قېتىم كىرگەنلىكى مەلۇم. خىتاي ئايروپىلانلىرىنىڭ ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى ياپونىيە تەرەپ ئويلىغاندىن ئاز بولدى. ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي دۆلىتى شەرقىي دېڭىز تەۋەلىكىنى بىر ئويۇنچۇق باغچىسى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ئۆزلىرى ئويلىغاندەك ھاۋا مۇداپىئە رايونى قۇرالمىدى. بەلكىم خىتاي باشقىچە ئۇسۇلدا بۇنى قىلىشى مۇمكىن.»

ئۇندىن باشقا، ياپونىيەدىن چىقىدىغان «نىپپون كېزاي گېزىتى» نىڭ 22-فېۋرالدىكى سانىدا «ياپونىيە-ئامېرىكا بىرەر ئىش يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قەرەللىك يىغىن ئاچىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئۆز-ئارا يېقىنلىشىپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرىلەشمەكتە. يېقىندىن بۇيان خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە ئۈزلۈكسىز كىرىشى، ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشى سەۋەبىدىن پەۋقۇلئاددە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزمەكتە. بۇنىڭغا سەۋەب بولغان ئامىللار، ياپونىيە ھاۋا بوشلۇقىغا، دېڭىز تەۋەلىكىگە چەتئەل ئايروپىلانلىرى ۋە پاراخوتلىرىنىڭ رۇخسەتسىز كىرىشى شۇنداقلا قوراللانغان بېلىقچىلارنىڭ ياپونىيە ئاراللىرىغا كىرىپ ئارالنى ئىگىلىۋېلىشى قاتارلىقلاردۇر.

ماقالىدە يەنە: «ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تۈزگەن يېڭىدىن قوغدىنىش ئىستراتېگىيىسى ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ 17 يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈشى. 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئامېرىكىدا يېڭى ئىستراتېگىيىلىك پىلان ھەققىدە يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە قارار قىلىش ماقۇللاندى. ئەگەر ياپونىيە چەت دۆلەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسمىنىڭ كۈچى ياپونىيەنى قوغداشقا يەتمەيدۇ. ياپونىيە تەرەپ ھەرىكەت قوللانغان تەقدىردىمۇ پەقەتلا بەلگىلەنگەن دائىر ئىچىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇڭا بۇ يېتەرلىك ئەمەس دەپ قارالغانلىقتىن، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئەلۋەتتە بىرلىكتە قوغدىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتاي-ياپون ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان سۇمى خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-گەرچە، خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ھاۋا بوشلۇقى ۋە دېڭىز تەۋەلىكىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي جەھەتتىكى كۈچىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى يەنىلا ئاشكارىلاپ قويدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.