كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاينى ئولىمپىكتىن بۇرۇن ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشنى توختىتىشقا چاقىردى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشنى ئولىمپىكتىن بۇرۇن ۋاقىتلىق بولسىمۇ توختىتىشقا چاقىرغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.06.16

 فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شەرقىي ئاسىيا گۇرۇپپىسىدىكى تەتقىقاتچى مارك ئالىسوننىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر خىتايدا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان جىنايەت تۈرلىرى 68 خىل بولۇپ، بۇلار زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەش، پارا ئېلىشى ۋە ئالدامچىلىق قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە خىتاي ئالىي سوتى ئۆلۈم جازاسى دېلولىرىغا ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ قاراپ چىقىپ، بېكىتىشنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زادى قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بەرگەنلىكى يەنىلا مەخپىي تۇتۇپ كېلىنمەكتە ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىنى ئاشكارا ئېلان قىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن مارك ئالىسون: خىتاي خەلقىنىڭ قانچىلىك ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلىكى ھەمدە ئۇلارنىڭ نام - شەرىپىنى بىلىش ھوقۇقى بار " دېگەن.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، ئامېرىكىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش تەرەپدارى ۋە قانۇن پروفېسسورى سپىدي رايس خانىم، ئولىمپىك روھى بويىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئۆلۈم جازاسى يۈرگۈزۈشنى توختىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.