خىتاي - ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خىتاي ۋە ئامېرىكا سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا سۆھبەتنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى، ئىككى دۆلەت ئارىسىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، يىمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسى، مەھسۇلاتلارنىڭ پاتېنت ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2008.09.18

 دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۈشەنبە كۈنى،خىتاينىڭ خەلقئارا سودىدا، كېلىشىمنامىلەرگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ نۇقتىدا ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكىمۇ شىكايەتچى بولۇپ، خىتاينىڭ ئەركىن بازار پرىنسىپلىرىغا خىلاپ ھالدا، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى،بۇ ئارقىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەننەرقىنى تۆۋەنلىتىپ، خەلقارا بازاردا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە ئىدى.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ، ئامېرىكا سەنئەت مەھسۇلاتلىرىنى رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشى، ماركا ئوغرىلىشى ئامېرىكا تەرەپنى نارازى قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي تەرەپ ئامېرىكا - خىتاي سودىسىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك كۆپ مەسىلىلەر بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بۈگۈنكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەنە، خىتاي، قۇش يېمەكلىكلىرى قاتارلىق بىر تۈركۈم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يولغا قويغان ئىمپورت چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا يۇز بېرىۋاتقان بىر قىسىم ئىقتىسادىي كرىزىسلارنىڭ تەسىرىگە خىتاي شىركەتلىرىمۇ ئۇچرىغان. خىتاي تىجارەت بانكىسى بۈگۈن، ئامېرىكىدا ئالدىنقى ھەپتە ۋەيران بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان لېخمان برودەر شىركىتىدە 70 مىليون دوللارلىق مەبلىغى بارلىقىنى ئاشكارىلىغان. مانا بۇ ئەھۋاللارنىڭ بۇ قېتىمقى سودا سۆھبىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.