خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020.10.18
cui-tiankai-xitay-amerika-elchisi.jpg خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەينىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 27-نويابىر، ۋاشىنگتون.
Reuters

«ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىيگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتچىلىرىنى جازالىشىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن خىتايدىكى ئامېرىكا پۇقرالىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە بۇ ئىشتىن خەۋەردار نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى بۇ ھەقتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى ‍ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا كۆپ خىل قاناللار ئارقىلىق قايتا-قايتا يەتكۈزگەن.

خىتاي تەرەپ ئۆز ئۇچۇرلىرىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي تەتقىقاتچىلارنى ئامېرىكا سوتىدا ئەيىبلەشكە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا خىتايدىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش ۋەزىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى «ۋال سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان. 

ئالدىنقى ئايدا، ئامېرىكا دائىرىلىرى پرېزىدېنتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى بار، دەپ قارالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كىرىشىنى رەت قىلىش تەدبىرلىرى بويىچە 1000 دىن ئارتۇق خىتاي پۇقراسىنىڭ ۋىزىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

ئۇنىڭدىن باشقا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى بۇ يىل ئىيۇلدا ئامېرىكا ۋىزا ئىلتىماسىدا خىتاي ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يوشۇرغان ئۈچ خىتاي تەتقىقاتچىنى قولغا ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.