«خىزمەت گۇرۇپپىلىرى» خوتەن يېزىلىرىدا «تاڭزوڭزا بايرىمى» نى زورلاپ ئومۇملاشتۇرۇشقا باشلىغان
2024.06.18

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2014-يىلىدىن بۇيان يۈز مىڭلىغان خىتاي كادىرلىرىنى «ئەل رايى خىزمىتى» دېگەن نامدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسىي ھاياتىنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىغىچە ئۇلارنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە كونترول قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئىيۇن كۈنى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خوتەن شەھىرىنىڭ يېزا-كەنتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەر خىتاينىڭ «تاڭزوڭزا بايرىمى» نى تەبرىكلەشكە ئۇيۇشتۇرۇلغان. خىتاي تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە بۇنى «خوتەن خەلقىنىڭ ‹جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى›نى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى» دەپ داۋراڭ سالغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، «خىزمەت گۇرۇپپىسى» دىكى خادىملار كەنتتىكى ئۇيغۇرلارغا تاڭزوڭزا ياساشنى ئۆگىتىش جەريانىدا ئۇلارغا «تاڭزوڭزا بايرىمى»، يەنى «دۇەنۋۇ بايرىمى» (ئەجدىھا قولۋاق بايرىمى) نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە بۇ ھەقتىكى خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە دەرس بەرگەن. خەۋەردە بۇ ئارقىلىق «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىلدى» دېيىلگەن.
بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇرغان سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئالدى بىلەن تاڭزوڭزا بايرىمىنىڭ ئەسلىدە شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ئىكەنلىكىنى، مەزكۇر بايرامنىڭ خىتايدا «ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر» دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر چۈ يۈەننى خاتىرىلەشتىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ھەتتا بىر قىسىم خىتايلار تەرىپىدىنمۇ قارشى ئېلىنمايدىغان ۋە تەبرىكلەشنى خالىمايدىغان «تاڭزوڭزا بايرىمى» نى ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ھەم خىتايلاشتۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىدىكى بىر قورالغا ئايلاندۇرماقتىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قېتىملىق سىياسىي باستۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئاتالمىش «خىزمەت گۇرۇپپىسى» تەشكىللەپ تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغانلىقى، 2017-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا زور كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ( «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ۋە ئەلنى مايىل قىلىش» ) نامىدىكى «خىزمەت گۇرۇپپىلىرى» نى ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەزكۇر خەۋەردىكى ۋىدىيو ۋە سۈرەتلەردە، ئۇيغۇر بالىلىرى خىتايچە ئۇسۇلۇپتا كىيىندۈرۈلۈپ، خىتايچە ئۇسسۇل ئويناشقا سېلىنغان؛ بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ئايال كادىرلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەتلەس كۆينەكلىرىنى كىيىپ، ئۇيغۇر ئەر-ئاياللىرىغا ۋە بالىلارغا تاڭزوڭزا ئېتىشنى ئۆگەتكەن. ۋەھالەنكى، ۋىدىيودىكى بۇ بىر قاتار جانلىق كۆرۈنۈشلەردە، ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ تاڭزوڭزا ئېتىشنى ئۆگىتىۋاتقان خىتاي ئايال كادىرلارغا ياتسىراپ ۋە ئەجەبلىنىپ قاراۋاتقانلىقى، شۇنداقلا تاڭزوڭزىنى ئاغزىغا ئالغان چاغدىكى بىئاراملىق تۇيغۇسى بىلىنىپ قالغان.
گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم، ئىلگىرى ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا «تاڭزوڭزا بايرىمى» نىڭ ھازىر خىتاي تاراتقۇلىرىدا تەشۋىق قىلىنىۋاتقىنىدەك ئۇيغۇرلارمۇ ئورتاق تەبرىكلەيدىغان بىر مەدەنىيەت بايرىمى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ بايرامنى ھەرگىزمۇ ئۆتكۈزمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە بۇ خەۋەردىكى ۋىدىيو ۋە سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتايلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايراملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى تولىمۇ خەتەرلىك بىر يۈزلىنىش ئىكەن. ئۇ يەنە بۇ خىلدىكى ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر سەبىيلىرىنىڭ ئۆز مىللىي كىملىكىنى تونۇشىغا ۋە ئۇنى ساقلىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «تاڭزوڭزا بايرىمى» رايوندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر ناتونۇش بايرام بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بايرامنى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي يوسۇندا ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى، ماھىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىكەن:
«ئەلۋەتتە، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ئومۇمەن ھەرقانداق بىر كۆچمەن باشقا بىر جايغا كۆچۈپ بېرىپ ياشىغاندا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىپ داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ شۇ جايدىكى مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۈچەيتىدۇ. ئۇلار گەرچە ئاز سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلار شۇ جايدا ئۆز مەدەنىيىتىنى ئەركىن ئىپادىلىيەلەيدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئەھۋال خىتايدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بايرام خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئومۇملاشتۇرۇلۇشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ بەزىلىرى رەھىمسىزلەرچە يولغا قويۇلغان بولۇپ، 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى جازا لاگېرلىرىغا قاماش بۇنىڭ بىر مىسالىدۇر.»
ھېنرىي شاجېۋىسكى بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا يەنە، سەبىي ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خىتايچە كىيىندۈرۈلۈشىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئىكەنلىكى، يەنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۇيغۇرلارنى خىتايچىلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي تەشۋىقاتلىرىدا بۇ بايراملار ئارقىلىق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە مەدەنىي ھاياتىنىڭ تېخىمۇ بېيىغانلىقى، شۇنداقلا بايراملىق كەيپىيات يارىتىلغانلىقى ماختالغان. ھالبۇكى، بۇ بايانلار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى بىئارام قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق سۆزلەرنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ تەس. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى بەش-ئالتە يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇپ، لاگېرلارغا سولاپ، بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن ۋە بوۋا-مومىسىدىن ئايرىپ تاشلىدى، شۇنداقلا ئۇلارنى جەمئىيەتتە نورمالدا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان بارلىق ئىجتىمائىي رىشتىلەردىن ئايرىپ تاشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بىرىنچى قەدەمدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى پارچىلىدى، ئۇلارغا مەدەنىيەت جەھەتتە قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ئاندىن باشقا ھېچقانداق تاللاش ھوقۇقى بولمىغان شۇ كىشىلەرگە يات مەدەنىيەتنى مەجبۇرىي تاڭدى. ئەلۋەتتە، بۇ بىر چوڭ مەسىلە. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ يەردە ھەق-ھوقۇق ۋە ئەمەلىي كۈچ جەھەتتە خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەر ئەسلا باراۋەر ئەمەس.»
دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان يېزا-كەنتلەرگە قايتىدىن «خىزمەت گۇرۇپپىسى» ئەۋەتىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارغا خىتاي مەدەنىيىتىنى زورلاپ تېڭىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا. ئۇلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى ئېرىتىپ تۈگىتىش ۋە ئۇلارنى تولۇق خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.