خىتاي ب د ت دا ئۆز تەسىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئۇرۇنماقتىكەن

ميۇنخېندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم تەييارلىدى
2023.06.28
wangyi-un-bdt خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش ئورگىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي مەجلىسىنىڭ 77-قېتىملىق يىغىنىدا سۆز قىلىۋاتىدۇ. 2022-يىلى 24-سېنتەبىر، نيۇ-يورك
AFP

خىتاي ب د ت دا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىنكار قىلغان.

خىتاي خەلقئارا رادىيو قانىلى (CRI) گېرمانچە ئاڭلىتىشىنىڭ 23-ئىيۇندىكى «خىتاي ۋەكىلى شىنجاڭ توغرىسىدىكى سوئاللارغا قارىتا مەيدانىنى ئىپادىلىدى» ناملىق خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالدىنقى ھەپتە ب د ت دا داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 53-نۆۋەتلىك يىغىنىدا خىتاي تەرەپكە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا تۈرلۈك سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويغان. خىتاي ۋەكىلى ياڭ شياۋكۈن مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «شىنجاڭ بىلەن تىبەت نۆۋەتتە سىجىل ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىق ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى بىر دەۋرنى باشتىن كۆچۈرمەكتە. خوڭكوڭدا ‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى› يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خوڭكوڭ ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىپ، ئەدلىيەنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈنۈملۈك قوغدىلىشقا ئېرىشتى.»

ب د ت دا ھەر دائىم ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيەت توغرىسىدا سۆز بولغاندا، خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك يالغاننى ھېچ ئىككىلەنمەي تەكرارلايدىغانلىقى ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان. ئالدىنقى ھەپتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىغا قاتناشقان د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتمۇ خىتاي ۋەكىللىرى ب د ت دىكى سۆزلىرىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تۈپتىن ئىنكار قىلىپ، بۇنى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربنىڭ ئويۇنى دەپ لاپ ئۇرغان. لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە ئائىت پولاتتەك پاكىتلارنىمۇ ب د ت دا ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

دىققەتنى تارتىدىغىنى شۇكى، خىتاينىڭ ب د ت دا نېمىلەرنى دەيدىغىنى ئەمەس، بەلكى ب د ت خادىملىرىنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرۈپ، نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقىدۇر. 26-ئىيۇن كۈنى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامىنە مۇھەممەدنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ تەكلىپى بىلەن شۇ كۈنى بېيجىڭدا زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىشقان ئىدى. ئامىنە مۇھەممەد خانىم ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولۇپلا قالماي، يەنە ب د ت نىڭ «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات گۇرۇپپىسى» نىڭمۇ رەئىسى ئىكەن. خىتاي باياناتچىسى ماۋ نىڭ 26-ئىيۇن مۇخبىرلارغا قىلغان سۆزىدە، ئامىنە مۇھەممەدنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ب د ت بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامىنە مۇھەممەد بۇ زىيارىتى جەريانىدا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە جېجياڭ، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئۆلكىلەرنى زىيارەت قىلىدىكەن. ئەمما ب د ت دا خىتاي بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ تېمىسىغا ئايلانغان ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلمايدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى يەنە 27-ئىيۇن كۈنى ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېرېسنىڭ خىتاي خادىمى شۈ خاۋلياڭنى ب د ت نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا ۋە ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ياردەمچى مەسئۇللۇقىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەنلىكىنى كەڭ تەشۋىق قىلىشقان. شۈ خاۋلياڭ 2013-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىشخانىسىنىڭ ياردەمچى مەسئۇلى ۋە مەسئۇلى، 2019-يىلىدىن باشلاپ ب د ت باش كاتىپىنىڭ ياردەمچىسى ھەمدە ب د ت تەرەققىيات پروگراممىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن.

خىتاي نېمە ئۈچۈن ب د ت دىكى خىزمەتلىرىگە بۇ قەدەر جىددىي قارايدۇ؟

مەلۇم بولغىنىدەك، 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ سابىق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتنى ئېلان قىلىپ 36 كۈندىن كېيىن، يەنى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ب د ت دا «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى مۇزاكىرىگە قويۇش تەكلىپى» ئاۋازغا قويۇلغان ئىدى. ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا 47 دۆلەتتىن ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى 17 ئاۋازغا، خىتاي 19 ئاۋازغا ئېرىشكەن، 11 دۆلەت ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم ب د ت نىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. خىتاي تەرەپ ئۆز ۋاقتىدا بۇنى غەرب دۆلەتلىرى ئۈستىدىن قازانغان بۈيۈك بىر غەلىبە سۈپىتىدە تەبرىكلەشكەن ئىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى يوشۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. خىتاي ھاكىمىيىتى ھەر تۈرلۈك يوللار بىلەن ب د ت نى ئۆز تىزگىنى ئاستىغا كىرگۈزۈش، ب د ت نى ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئورگانغا ئايلاندۇرۇش غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. بۇنىڭ مىساللىرىنى خىتاينىڭ ب د ت خادىملىرىغا ئۇزارغان قوللىرىدىن كۆرۈشكە بولىدىكەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىلىرىنى ئورتاق مۇزاكىرە قىلىدىغان، قارارغا باغلايدىغان ۋە ئىجراغا سۇنىدىغان ئەڭ چوڭ ئورگان ب د ت بولغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي بۇ يەردىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتىكەن. ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى ب د ت نىڭ نۇرغۇنلىغان ئەھدىنامىلىرىگە قول قويغانلىقى سەۋەبلىك، ب د ت غا ھېساب بېرىشتە زور مۈشكۈلاتقا دۇچ كەلمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.