خىتاي «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» نى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يېپىش سەھنىسى قىلىش بىلەن ئەيىبلەندى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.11.08
london-yermenkisi-1920 2024-يىللىق «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» دە «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس كۆرگەزمە ئورنىدا كۆرگەزمىنى تونۇشتۇرغۇچى دوپپا كىيىۋاتىدۇ. 2024-يىلى 6-نويابىر، لوندون
Xinhua

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا 5-نويابىردىن 7-نويابىرغىچە ئۆتكۈزۈلگەن 2024-يىللىق «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» گە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ساياھەت-مەدەنىيەت ئاپپاراتلىرى ۋە خۇسۇسىي ساياھەت شىركەتلىرىدىن تەشكىل تاپقان زور كۆلەملىك بىر ئۆمەك بىلەن ئىشتىراك قىلىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ساياھەت تارماقلىرىنىڭ خىتاي ساياھەت ئۆمىكى تەركىبىدە ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلەپ، «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈشى، خىتاينىڭ تالاش-تارتىشتىكى «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» گە دائىر كىشىلىك ھوقۇق ئەندىشىلىرىنى قوزغىماقتا. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى غەرب ساياھەت شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» گە ئىشتىراك قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان بىر پەيتتە، «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» خىتاينىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى نورمال كۆرسىتىشى» گە شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەندى.

خىتاي تەرەپ «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» تورىدا ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئېلانىدا، يەرمەنكىدە «شىنجاڭنىڭ كىشىنى لال قىلارلىق سېھرى كۈچى كۆرسىتىلىپ، كۆپ خىل ئېتنىك مەدەنىيەت ئەمەلىيىتى نامايان قىلىنغانلىقى» نى قەيت قىلسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كۆرگەزمىدە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، يەرمەنكىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى» ۋە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نى يېپىش ھەم ئاقلاشنىڭ سەھنىسى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات دىرېكتورى، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى: شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارا ساياھەت شىركەتلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ ئاپتورلىرىدىن دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski)، خىتاينىڭ بۇ ئارقىلىق دۇنياغا «شىنجاڭ سىياسىتى» نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ۋە رايوننى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يەرمەنكىگە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلىرىنى ئەۋەتكەن. ھېنرىك شاجىۋىسكى 6-نويابىر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارىژ ۋە بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ساياھەت يەرمەنكىلىرىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل دائىرىلىرىنى ئەۋەتمىگەن. لېكىن بۇ قېتىم لوندونغا ئەۋەتىپ، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ساياھەت نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشقا ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. بۇنداق قىلىشتا بىر قانچە سەۋەب بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىمى دۇنياغا ئۇنىڭ سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى ھەم رايوننى مۇقىملاشتۇرغانلىقىنى نامايان قىلىشتۇر.»

ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي خەلقئارانىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىشتا ساياھەتچىلىكنى ۋاسىتە قىلىپ قوللانماقتا ئىكەن. شاجىۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى چىقىپ سۆزلىسە، ئۇنىڭ سۆزى ئانچە ئىشەنچلىك بولمايدۇ. شۇڭا، ئۇ ئىشتا باشقىلارنى قوللانماقتا. ساياھەتچىلىك بۇنىڭدىكى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى. ئۇ، كىشىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىپ، ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ياسالغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەندىن كېيىن، دۇنياغا بۇ رايوننىڭ ئېرىشكەن زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى سۆزلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا، ساياھەتچىلىك ئۇنىڭ بۇ مەقسەتكە يېتىشىدىكى ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولماقتا.»

 بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە خىتاينىڭ ئاچقان «خىتايدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت تەرەققىياتى» ناملىق كۆرگەزمە زالىنىڭ قارمىقىدا، ئۇيغۇر ئېلى ئۈچۈن «شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق مەخسۇس كۆرگەزمە تەسىس قىلىنغان. خىتاي «يەر شارى ۋاقتى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، كۆرگەزمىگە ئۇيغۇر ئېلىدىن ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت-مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى گۈلى ئابلىمىت (Abulimu) باشچىلىقىدا ئوندىن ئارتۇق ئىچكى ۋە خەلقئارالىق ساياھەت شىركىتىنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا. خىتاينىڭ خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «كۆرگەزمىدىكى ئېسىل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، ھاياتى كۈچكە تولغان خەلق ئۆرپ-ئادەتلىرى خەلقئارانىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.»

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 7-نويابىر خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق «دۆلەتلىك ساياھەت ئىشخانىسى» غا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن بۇ ئىشخانىنىڭ خادىمى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى. مەزكۇر ئىشخانىنىڭ يەرمەنكىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بۇ خادىمى، ئۆزىنىڭ ھازىر خېرىدارلار بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكى، سوئاللىرىمىزغا ھازىر جاۋاب بېرىلمەيدىغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ «بەزى تاراتقۇلاردىكى قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرلىك خەۋەرلەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى، «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ مەسئۇلى رەھىمە ماھمۇتنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ «دۇنيا ساياھەت يەرمەنكىسى» دە «شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى» نى كۆرگەزمە قىلىشى، ئۇنىڭ ئىماگ ياساش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن. رەھىمە ماھمۇت يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى تېخى ئېتىراپ قىلماسلىقى بۇ خىل پائالىيەتلەرگە يوچۇق ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

بىز 7-نويابىر لوندون «دۇنيا ساياھەت بازىرى يەرمەنكىسى» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇدىرى نىكولاس بېتلېس (Nicholas Bettles) بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىدۇق. لېكىن نىكولاس بېتلېس ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا باھا بېرەلمەيدىغانلىقى، بۇنى يەرمەنكىنىڭ ئاخبارات ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىملىرىدىن سورىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز يەرمەنكىنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارى بېكا كرۇگ خانىمغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىدى.

ھالبۇكى، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى» دىكى دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي چەت ئەل ساياھەتچىلىرىگە ئېچىۋەتكەن مەيلى قەشقەردە قايتا قۇرۇپ چىققان كونا شەھەر رەستىلىرىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى بولسۇن ياكى ئۈرۈمچىدىكى مۇزىي ۋە تۇرپاندىكى يىپەك يولى مىراسلىرى بولسۇن، ھەممىسى خىتاينىڭ سىياسىي پىلانىغا خىزمەت قىلماقتا ئىكەن.

ھېنرىك شاجىۋىسكى مۇنداق دەيدۇ: «ئەلۋەتتە، يىپەك يولى تارىخىي مەپتۇن قىلارلىق بولسىمۇ ۋە كىشىلەر كۆرۈشنى ئازۇ قىلسىمۇ، ئەمما ساياھەتتە دىققەت قىلىدىغان نازۇك بىر نۇقتا بار. خىتاي يىپەك يولى تارىخىي ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇيغۇر رايونى ئەزەلدىن خىتاينىڭ پارچىسى، تارىخنىڭ ئۇزۇن مۇساپىسىدە خىتاي ئىزچىل بۇ رايوندا مەۋجۇت بولغان، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ‹جوڭخۇا مىللىتى› نىڭ بىر قىسمى دېگەننى سىڭدۈرمەكتە.» «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى» يەرمەنكىنىڭ «شىنجاڭ ساياھەتچىلىك كۆرگەزمىسى» گە يولۇققان مېھمانلارغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مېھمانخانا، مەنزىرىلىك جايلار ۋە قىشلىق قار تېيىلىش مەنزىلگاھلىرىنىڭ باھادا ئېتىبار بېرىش بېلەتلىرىنى تارقىتىپ، تېخىمۇ كۆك ساياھەتچىنىڭ رايوننى ساياھەتكە كېلىشىگە ئىلھام بەرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.