ئەنگلىيەدىكى خىتاي باش ئەلچىسىنىڭ زۇلۇمنى ئىنكار قىلىشى كۈچلۈك رەددىيەگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.20
lyu-shawming-Liu-Xiaoming.jpg خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شياۋمىڭ خىتاينىڭ لوندوندىكى باش ئەلچىخانىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 6-فېۋرال.
AFP

ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيەسى بولغان BBC ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى ھەققىدە سوئال سورىدى.

رىياسەتچى ئالدى بىلەن ليۇ شاۋمىڭگە ئۆتكەن يىلى ئاشكارىلىنىپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان كورلا پويىز ئىستانسىسىدىكى كۆرۈنۈشنى يەنى تەخمىنەن600-700 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى كۆزى قارا لاتىدا تېڭىلىپ، پۇت-قولى كىشەنلەنگەن ھالدا كورلا پويىز ئىستانسىسىنىڭ غەربىي ۋوگزالىدىن باشقا جايلارغا يۆتكەۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىدۇ ۋە ليۇ شاۋمىڭدىن «بىزگە بۇ يەردە نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمسىز؟» دەپ سورايدۇ. ھالبۇكى ليۇ شاۋمىڭ يوغان ئېكراندا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشكە قاراپ تۇرۇپ «مەن كۆرەلمەيۋاتىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ «مەن كۆرەلمەيۋاتىمەن، مەن بۇ ۋىدىيونى. . . بۇ سىزنىڭ ماڭا بۇ ۋىدىيونى تۇنجى قېتىم كۆرسىتىشىڭىز ئەمەس. سىز ئۆتكەن يىلىمۇ سورىغان. مەن سىزگە شۇنى دەي. راست، سىز شىنجاڭغا بېرىپ باققانمۇ؟» دەيدۇ.

رىياسەتچى «ياق، مەن بېرىپ باقمىغان»، دەپ جاۋاب قايتۇرۇشى بىلەن ليۇ شاۋمىڭ سۆزىنى داۋام قىلىپ «شىنجاڭ دېگەن ئەڭ گۈزەل جايلارنىڭ بىرى. بىزنىڭ خىتايدا بىر تەمسىل بار.» دەپ تۇرۇشىغا رىياسەتچى «ئەلچى ئەپەندىم، بۇ كۆرۈنۈشلەر گۈزەل كۆرۈنۈشلەر ئەمەس» دەيدۇ.

خىتاي ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ گېپىنى ئۆزگەرتىپ «شىنجاڭدا نۇرغۇن قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇملىرى يۈز بەرگەن»، دەپ گەپ يورغىلىتاي دەپ تۇرۇشىغا رىياسەتچى «ئۇ دېگەنلىرىڭىز 10 يىل ئاۋۋالقى ئىشلار ئىدى. مەن سىزدىن پەقەت شۇنى سورىماقچى. نېمىشقا زامانىۋى خىتايدا بۇ كىشىلەر تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلدى؟ ئۇلارنىڭ چاچلىرى نېمە دەپ چۈشۈرۈلگەن، ئۇلار نېمە دەپ كۆزلىرى باغلانغان، پۇت-قوللىرى كىشەنلەنگەن ھالدا پويىزغا يالاپ چىقىرىلىدۇ؟ بۇ يەردە نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» دەپ خىتاي ئەلچىنى يەنە بىر قېتىم سوئالغا جاۋاب بېرىشكە قىستايدۇ. خىتاي ئەلچى ليۇشاۋمىڭ جاۋابەن: «بۇ ۋىدىيو كۆرۈنۈشنى نەدىن ئالدىڭىز؟ بىلمىدىم. لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا جىنايەتچىلەرنى يۆتكەيدىغان ئىشلار بولۇپ قالىدۇ. مەن بۇ كۆرۈنۈشنى نەدىن ئالدىڭىز بىلمىدىم» دەيدۇ.

رىياسەتچى بۇ كۆرۈنۈشنىڭ ھەرقايسى غەرب تاراتقۇلىرىدا كەڭ تارالغان ۋە غەرب ئىستىخبارات خادىملىرى تەرىپىدىن راست ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن كۆرۈنۈشلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەلچى ليۇشاۋمىڭ «غەربتىكى ئىستىخبارات ئورۇنلىرى خىتايغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ»، دەيدۇ. ئۇ: «ئۇلار بىزنى شىنجاڭدا 1 مىليون ئادەمنى سولىۋالدى، دەپ قارىلاۋاتىدۇ. شىنجاڭنىڭ نوپۇسى قانچىلىك بىلەمسىز. شىنجاڭدا 40 يىل ئاۋۋال ئاران 4-5 مىليون نوپۇس بار ئىدى. ھازىر 11 مىليونغا چىقتى. كىشىلەر بىزنى ئېتنىك تازىلاش قىلدى، دەيدۇ. بىراق ئۇ يەردە نوپۇس ئىككىگە قاتلاندى،» دەيدۇ.

بۇنىڭ بىلەن رىياسەتچى خىتاي ئەلچىگە «ئەمما يەرلىك رەسمىي ھۆججەتلىرىڭلاردا ئۆزۈڭلار ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا 2015-2019 ئارىسىدا نوپۇس ئارتىشىنىڭ 84 پىرسەنت چۈشكەنلىكىنى دەپسىلەر» دەپ ئەسكەرتىدۇ. خىتاي ئەلچى بۇنىمۇ رەت قىلىدۇ. بىراق ئۇ بۇنىڭغا ئېنىق پاكىت كۆرسىتىشنىڭ ئورنىغا يەنىلا «ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس ئىككىگە قاتلاندى» دېگەن سۆزنى تەكرارلايدۇ.

مەزكۇر پروگراممىدا خىتاي ئەلچىگە لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى گۇۋاھلىق ۋىدىيوسى قويۇپ بېرىلىدۇ. خىتاي ئەلچى بۇنىمۇ رەت قىلىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تۇغماس قىلىنىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىپ «بۇ پۈتۈنلەي يالغان. ئۇ يەردە باشقا دۆلەتلەردىكىدەك ئايرىم خۇسۇسىي ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن» دەپ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلىماقچى بولىدۇ. ئۇ سۆزى داۋامىدا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە جازا لاگېرلىرى يوقلۇقىنى، ئۇ يەردە مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ھالدا، ئەركىن، خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا ئۇيغۇن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى رەت قىلىدۇ.

خىتاي ئەلچى ليۇ شاۋمىڭ زىيارەت قىلىنغان بۇ خەۋەر پروگراممىسى 19-ئىيۇل يەكشەنبە كۈنى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. ئۇنىڭ ئەمەلىيەتنى ئىنكار قىلىشى ھەرقايسى مۇنبەرلەردە قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى كومىسسارى نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتە ب ب س تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرىگە كۈچلۈك رەددىيە بەردى. نۇرىي تۈركەل سۆزىدە «خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرى دەل خىتاي قىلىپ كېلىۋاتقان تېنىۋېلىش، بۇرمىلاش ۋە قايمۇقتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى يوشۇرۇش ئۇرۇنۇشى» دېدى. نۇرىي تۈركەل سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقانلارنىڭ پاكىت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «بىزنىڭ قولىمىزدىكى ئىسپاتلار قانداقتۇر بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ ئېغزىدىن ياكى بىر مۇتەخەسسىسىنىڭ ئېغزىدىن چىققان گەپ ياكى بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ خەۋىرى ئەمەس. بىزنىڭ قولىمىزدىكىسى ئىناۋەتلىك پاكىتلار. ئەڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان پاكىت بولسا خىتاينىڭ ئۆزىدىكى ئاممىغا ئوچۇق مەنبەلەردىن ئېلىنغان.» دېدى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ. مەن بۇ تېرمىننى قوللىنىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ كەلدىم. چۈنكى بۇ ئىنتايىن جىددىي بىر ئەيىبلەش، جىددىي سۆز. ئەمما بىزنىڭ قولىمىزدا بار ئىسپاتلارغا تايانغاندا يەنى كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنى دۆلەت ئىلىكىدىكى يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىۋاتىدۇ، مەقسەتلىك ھالدا، پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا نوپۇس كۆپىيىشىنى تىزگىنلەۋاتىدۇ. مانا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئىزاھاتلارغا چۈشىدۇ. شۇڭا خىتاي ئەلچىسى ئوخشاش سۆزنى 50 قېتىم تەكرارلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئۆز ئالدىغا پاكىتلارنى تەكشۈرۈپ، ئانالىز قىلىپ تۇرۇپ مەسىلىلەرگە ئادىل باھا بېرەلەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى كېرەك.»

نۇرىي تۈركەل سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارنىڭ ئېنىق ھالدا بىر جىنايەت ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭغا دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈك يوسۇندا جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزىگە قارىتا يەنە بىر كەسكىن جاۋاب ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ئادۋوكات رەيھان ئەسئەتتىن كەلدى. BBC تېلېۋىزىيەسى ئايرىم پروگراممىدا ئىنىسى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرغا قامالغان ئادۋوكات رەيھاننى زىيارەت قىلغان. رىياسەتچى رەيھاندىن «خىتاي ئەلچى جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلدى، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش يوقلۇقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوقلۇقىنى ئېيتىۋاتىدۇ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟» دەپ سورىدى. رەيھان ئەسئەتمۇ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدا ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقانلارغا ئائىت دوكلاتلارنىڭ تامامىنىڭ دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرى ئاساسىدا تەييارلانغانلىقىنى، خىتاي ئەلچىنىڭ بۇ يەردە ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلار بەختلىك ياشاۋاتىدۇ، دېگەندەك ئەمەلىيەت بىلەن ئالاقىسى بولمىغان بىر مەنزىرە يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. رەيھان ئەسئەت سۆزىدە «خىتاي ئەلچىنىڭ دېگەنلىرىدەك بولغان بولسا ئۇ ھالدا بىر ۋاقىتلاردا ئۈلگىلىك ياش، دەپ باھالانغان ئىنىم بۈگۈنكى كۈندە قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرغا قامالمىغان بولاتتى»، دەيدۇ.

رەيھان ئەسئەت سۆزى داۋامىدا ئىنىسى لاگېرغا قامىلىپ ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى قوشۇمچە قىلىدۇ.

خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزى تىۋىتتىر قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە ئۇچرىدى.

ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەزىز ئەيسا ئەپەندى ئەنگلىيەنىڭ «ۋاقىت رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندىمۇ خىتاي ئەلچىنىڭ سۆزلىرىنى تەنقىد قىلىپ «خىتاي ئەلچىسى ليۇشاۋمىڭ خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللىماقتا. ئۇ ئەنگلىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ياكى قولغا ئېلىنىشى كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.