روبېرت ئوبرايىن: «خىتاي ھازىر ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت!»
2020.06.26
تاشقى دۇنيادىن چارەك ئەسىر ئايرىپ تاشلانغان خىتاي دۆلىتى 1974-يىلى دىڭ شياۋپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا ئەۋەتكەن ئىدى. شۇ يىلى 10-ئاپرېلدا ئېچىلغان يىغىندا دېڭ شياۋپىڭ ب د ت مۇنبىرىگە سۆزگە چىقىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ھېچقاچان ئۆزىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى، ناۋادا خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ باشقىلارنى بوزەك قىلىدىغان ياكى باشقىلارنىڭ زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلسا، دۇنيا جامائىتىنىڭ خىتاينى «سوتسىيال جاھانگىر» دەپ ئاتىشىغا، خىتايغا قارشى چىقىشىغا ھەمدە خىتاي خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئۇنى ئاغدۇرۇۋېېتىشىگە بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەنە شۇ سۆزلەر بولۇپ ئارىدىن 46 يىل ئۆتكەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ راستىنىلا ئەنە شۇ خىل خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ قوشنىلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئاپەتكە ئايلانغانلىقى ھەققىدىكى پىكىرلەر خىتايدىن باشلانغان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. بۇ خىلدىكى پىكىرلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە سالماق ۋەزىندە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بولسا ئامېرىكا پررېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىننىڭ 24-ئىيۇن كۈنى ئارىزونا شتاتىدىكى فېنىكس (سۇمۇرغ) شەھىرىدە سۆزلىگەن تېلېۋىزىيە نۇتقىدا ئىپادىلەندى.
يىغىندا ئالدى بىلەن ئارىزونا شتاتىنىڭ باشلىقى دوگ دۇسېي سۆز ئېلىپ، بۇ قېتىمقى تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە قانداق ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە قانداق مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلىشقا ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى روبېرت ئوبرايىننى تەكلىپ قىلدى.
روبېرت ئوبرايىن سۆزىدە ئالدى بىلەن ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە ئۆتكەن مەزگىللەردىن تارتىپ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان تەھدىتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ سالماق بولۇۋاتقىنى خىتاي كومپارتىيەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گۈللەنسە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەگە يۈزلىنىدۇ، دەپ قارىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن باش كۆتۈرۈشىگە ئامېرىكانىڭ يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنلىكى، خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىغا ئامېرىكانىڭ قانچىلىك كۈچ چىقارغانلىقى، ھەتتا بۇ جەرياندا ھەربىي ۋە سانائەتكە لازىملىق نۇرغۇن تېخنىكىلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى، ئاقىۋەتتە بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەھەتتە تولىمۇ ساددىلىق قىلغانلىقى ئىسپاتلانغانلىقى، بۇنىڭ 1930-يىللاردىن بۇيانقى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە كۆرۈلگەن ئەڭ زور خاتالىق بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر زور تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ: «بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل بىز كوممۇنىستلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە دىققەت قىلىشنى ئۇنۇتتۇق. كوممۇنىستلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ بېقىش ۋە ئۇلارنىڭ يېزىۋاتقانلىرىنى ئوقۇپ بېقىش ئورنىغا بىز باش-كۆزىمىزنى چۈمكىۋالدۇق. بىز پەقەت ئۆزىمىز ئىشىنىشنى خالىغان نەرسىلەرگىلا ئىشەندۇق. كومپارتىيەنىڭ بۇ ئەزالىرى پەقەت نامدىلا ‹كوممۇنىست› ئىدى. خىتاي كومپارتىيەسى بولسا ماركسىزم ۋە لېنىزىمنى يېتەكچى قىلغان تەشكىلات ئىدى. ھالبۇكى، شى جىنپىڭ بولسا ئۆزىنى يوسېف ستالىننىڭ ۋارىسى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقان ئىدى،» دېدى. ئۇ يەنە ستالىننىڭ ئەينى ۋاقىتتا سىياسىي تەقىب، ئاچارچىلىق ۋە باشقا ئاپەتلەرنى پەيدا قىلىپ، ئاز دېگەندىمۇ 20 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.
روبېرت ئوبرايىننىڭ پىكرىچە، لېنىن، ستالىن، ماۋزېدوڭ دەۋرىدىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى ھاكىممۇتلەقلىقنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خىل سىستېمىدا ھەرقاچان شەخسلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا ئىشقا ئاشىدۇ، ھېچقانداق ئەمەلىي قىممىتى بولمىغان شەخسلەر ھەرۋاقىت ھاكىممۇتلەق ھاكىمىيەت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنىدۇ. شەخسلەر پەقەت دۆلەتكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈنلا مەۋجۇت بولىدۇ، ئەمما دۆلەت ھېچقاچان شەخسكە خىزمەت قىلمايدۇ،
ئۇ ھاكىممۇتلەقلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مۇشۇ خىل تۈپكى خاراكتېرىنى سۆزلەپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئاللىقاچان تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا بىر ئەسىردىن ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن كوممۇنىستىك ئىدې’ئولوگىيەنى «شى جىنپىڭ ئىدىيەسى» دېگەن نامدا ھەممە جايدا ئومۇملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت مېخانىزىمىنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيەتنى يارىتىشتا قانداق رول ئوينىغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان «ئەلنى ئىدارە قىلىشتا ‹ئەلەم› ۋە ‹قەلەم› گە تايىنىش» تاكتىكىسىنى ھازىرمۇ قوللىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى «ئەلەم» دېگەندە ھەربىي كۈچ ۋە زورلۇق ئارقىلىق خەلقنى دېگەن سىزىقىغا ماڭدۇرۇش، «قەلەم» دېگەندە تىل ۋە مەدەنىيەتنى چەكلەش ئارقىلىق مەقسىتىگە يېتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئاقىۋەتتە بۇنىڭ كاساپىتىگە كەتكەن مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشقا، ئائىلىلىرىدىن جۇدا بولۇشقا ھەمدە يۈز مىڭلىغان سەبىيلەرنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى دارىلئېتاملارغا توپلىنىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
روبېرت برايىننىڭ پىكرىچە، ئامېرىكانىڭ ياردىمىدە «قازان-چۆمۈچى ماي بولغان» خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىدىكى ئەجەللىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئىقتىسادىي قۇۋۋەتكە تايىنىپ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى، ھوللىۋۇد ۋە باشقا ساھەلەردە خىتاينىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا ئىكەن. شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا تۇپرىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنى قايمۇقتۇرۇشقا كۈچ چىقارماقتا ئىكەن. كېيىنچە بولسا بۇنىڭغىمۇ قانائەت قىلماي، ئامېرىكادىكى شەخسلەردىن مىليونلارچە كىشىنىڭ خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن، ئاخىرىدا بولسا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.
روبېرت برايىننىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەنە شۇ ئەھۋاللارغا ئاساسەن بۇنىڭغا قارشى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىشنى باشلىماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن يېڭىدىن پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نۇتۇق ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا زور تەسىر قوزغىغانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئاقسارايدىن خىتايغا قارشى چىقىۋاتقان تەنقىد ۋە ئەيىبلەش سادالىرى ئىچىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى بولغان روبېرت ئوبرايىننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىقتىسادىي سىستېمىسى ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت» دەپ كۆرسىتىشى ھەممىلا ساھەنى ھەيران قالدۇرغان بىر ھادىسە بولدى.
مەلۇم بولۇشىچە، روبېرت ئوبرايىن ئاقساراينىڭ 28-نۆۋەتلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولۇپ، 2019-يىلى جون بولتوننىڭ ئورنىغا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىكەن.