خىتاي پۇقراسى ئىقتىسادىي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى

26-ئىيۇن خىتاي پۇقراسى جاڭ خاۋ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇقى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. كالىفورنىيە شتاتىدا ئېچىلغان 4 كۈنلۈك سوتتىن كېيىن ئۇنىڭ يۇقىرىقى جىنايەتلەرنى سەدىر قىلغانلىقى بېكىتىلدى.

ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مەسئۇل ياردەمچى تەپتىش ئەمەلدارى جون دېمېرسنىڭ ئېيتىشىچە، جاڭ تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شېرىكلىشىپ ئۆزى ئىشلەۋاتقان ئامېرىكا شىركىتىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە پايدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئوغرىلاش پىلانى تۈزگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ خاۋ 2006-يىلى جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ 5 گ ئالاقىسىدە ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ئۆزەكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سكايۋوركس (Skyworks)شىركىتىگە ئىشقا چۈشكەن ۋە ئۇ يەردە پاڭ ۋېي ئىسىملىك يەنە بىر خىتاي پۇقراسى بىلەن تونۇشقان.

كېيىن پاڭ ۋېي يەنە بىر يۇقىرى تېخنىكا شىركىتى ئاۋگوغا (Avago) يۆتكەلگەن. ئۇلار شۇندىن كېيىن تىل بىرىكتۈرۈپ بۇ ئىككى شىركەتنىڭ 5گ تېخنىكىسى، سۈنئىي ئىدراك ۋە زامانىۋى سىمسىز ئالاقىدە ئىشلىتىلىدىغان تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنى ئوغرىلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەتلەر يۇقىرى تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ۋە نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلغان ئىكەن.

بۇ ئىككىيلەن 2009-يىلى خىزمەتلىرىدىن ئىستېپا بېرىپ تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىشقا چۈشكەن ۋە 2011-يىلى شېرىكلىشىپ روفس (ROFS) مىكروسېستىمىسى ناملىق بىر يۇقىرى تېخنىكا شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، سىكايۋوركس ۋە ئاۋاگو شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش مەھسۇلاتلارنى ياساپ بازارغا سالغان.

جاڭ 2015-يىلى مايدا ئامېرىكىغا بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۈچۈن كېلىپ لوس ئانجىلىس ئايرودرومىغا قونغاندا قولغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىش سوتى 31-ئاۋغۇست ئېچىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق جىنايىتىگە 15 يىللىق، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاش جىنايىتىگە 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.