ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى مات پوتتىنگېر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، 3-فېۋرال كۈنى بايدىن ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىق ئۆزىنىڭ تەكلىپ ۋە تەۋسىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
«بۈگۈنكى ۋال-سترېت تېلېۋېزىيەسى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 3-فېۋرال كۈنى فىلورىدا خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بىر پائالىيەتتە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مات پوتتىنگېر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
«بۈگۈنكى ۋال-سترېت تېلېۋېزىيەسى» نىڭ رىياسەتچىسى ئۇنىڭدىن: «خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جيېچى تۈنۈگۈن ‹تەيۋەن، خوڭكۇڭ، شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىسى خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئىتىگە تاقىشىدىغان يادرولۇق مەسىلە، شۇڭا ئامېرىكا ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك، دېدى. سىزنىڭچە، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى قىزىل سىزىقمۇ؟» دەپ سورىغان.
مات پوتتىنگېر رىياسەتچىنىڭ سوئالىغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن: «ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ۋەزىپىسىدىن تېخى يېڭىلا ئايرىلدى. ئۇ بۇ ھەقتە كۆرسەتمە بېرىپ: › ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەمەس، بۇنىڭ ئۆزى ئىرقىي قىرغىنچىلىق‹دېگەن ئىدى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تونىي بىلىنكېنمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئورتاق قارىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇڭا بۇ مەسىلىدە ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ئىككى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئورتاق قاراشتا دېيىشكە بولىدۇ.»
مات پوتتىنگېر ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىدە خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نىڭ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
مات پوتتىنگېر مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتايدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىۋاتقانلارمۇ بۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئالدىنقى 4 يىلدا بۇ جەھەتتە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلىدۇق. بىز بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورمال ئېلىپ بېرىشقا تىرىشتۇق. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى باشقا ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاراشلىرىنى قوللىماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولدى. سىز خوڭكۇڭ ۋەزىيىتىگە قاراڭ، تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان تەيۋەنگە قاراڭ، ئۇلارنىڭ (خىتاينىڭ) يېقىن قوشنىسى ھىندىستانغا قىلغان چېگرا پاراكەندىچىلىكىگە قاراڭ. شۇڭا ئامېرىكانىڭ سودا ساھەسىدىكىلەر ئۆزلىرىنىڭ خەۋپ-خەتەرگە يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشى كېرەك. ئەگەر ئۇلار خىتاي بىلەن سودا قىلماقچى بولسا، خىتايغا مەبلەغ سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ترامپ ھۆكۈمىتى بىلەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا بولۇۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى ئىنسانىيەت دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسى بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئورتاق قارىشىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.»
مات پوتتىنگېر يەنە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى ئىختىلاپلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان كرونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنياغا كەلتۈرگەن ئاپىتى، ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسى قاتارلىق سەزگۈر تېمىلاردا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب ببەرگەن. ئۇ جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى بەزى سەزگۈر مەسىلىلەردە ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىرغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ 3-فېۋرال كۈنى «ۋال-سترېت تېلىۋېزىيەسى» دە بېرىلگەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى مات پوتتىنگېرنىڭ «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ» دېگەن سۆزىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، مات پوتتىنگېرنىڭ سۆزىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامېرىكانىڭ ھەر ئىككى نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى ئورتاق قاراشقا كەلگەن بىر نۇقتا ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكەن.