خىتاي ياشلىرىدا كۈچىيىۋاتقان ناتسىزم ئىدىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەھدىتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2021-08-11
Share
تەكرارلانغان تارىخ ۋە بىشارەتلەنگەن مەغلۇبىيەت 1958-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى قوزغىغان «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» تە ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان، ئەمما «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا بوينىغا «جاسۇس» دېگەن تاختاي ئېسىلىپ، كۈرەشكە تارتىلغان بۇرھان شەھىدى (ئوڭدا) بىلەن ئابدۇللا زاكىروف (سولدا).
RFA/Qutlan

يېقىندا خىتاينىڭ گۇاڭشى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇغۇچىسى شى كې نامىدا ئېلان قىلىنغان «دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ئوچۇق خەت» ناملىق ناتسىسلارچە قىرغىنچىلىق تەرغىب قىلىنغان ماقالە، خىتاي ئىجتىمائىي مۇنبەرلىرىدە كەڭ تارقىلىپ ئىنكاس قوزغىدى.

ئۆزىنى ۋەتەن سۆيەر دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ئوقۇغۇچى ئوچۇق خېتىدە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلغان 3 يىل جەريانىدا، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ۋە خىتاي دۆلىتىگە بەرگەن زەربىلىرىنى كۆرۈپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ غەربنىڭ خۇئاۋېي شىركىتىگە بەرگەن زەربىسى، سودا ئۇرۇشىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا كەلتۈرگەن زىيانلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي تەھدىتلىرىگە قارىتا خىتاي دۆلىتىنىڭ قايتۇرما زەربە بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال خىتاينىڭ قۇدرەت تېپىپ بېيىشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان، خىتاي ئىقتىسادىنى ئارقىغا سۆرەۋاتقان، كىرىمى 1000 يۈەنگە يەتمەيدىغان 600 مىليون نامرات پۇقرانى قىرىپ تاشلاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. بۇ ئوقۇغۇچى ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئەگەر ھۆكۈمەت ئۆزىگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوراللاندۇرسا، پۈتكۈل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىرلىشىپ خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان 600 مىليون نامرات، يارىماس پۇقرالارنى بىر ئاي ئىچىدە قىرىپ تۈگىتىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ خېنەننىڭ شىنشاڭ ناھىيەسىدە يېزىدا ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىمۇ يوقىتىشقىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىگە قاتتىق چەكلىمە قويۇلىدىغان خىتايدا، ناتسىسلارچە قىرغىنچىلىق ئىدىيەسى تەرغىب قىلىنغان مەزكۇر يازمىنىڭ ئۆچۈرۈلمەسلىكى چەتئەللەردىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىغان.

ئامېرىكادىكى خىتاي يازغۇچىسى يۈ جې ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلغان.

يۈ جې ئەپەندى ئوبزورىدا بۇ ئەھۋالنى تەنقىدلەپ: «بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئوچۇق خېتى، خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ناتسىزم يولىغا ماڭغانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېگەن.

يۈ جې ئەپەندى يەنە توردا ئېلان قىلىنغان ھەرقانداق يازمىلارغا قاتتىق تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان خىتايدا مەزكۇر يازمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت ئۆچۈرۈلمەي كەڭ تارقىلىشىغا ھۆكۈمەتنىڭ يول قويۇشى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

يۈ جې ئەپەندى مەزكۇر يازما ئاپتورىنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا دېيىشكە پېتىنالمىغان سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى تەرىپلەپ، مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى بۇ يەردە ئاپتور خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقى دېيىشكە پېتىنالمىغان كەمبەغەللەر كومپارتىيە دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى دېگەن يۈرەك سۆزىنى قىلغان. يەنى‹بايلارنى ئۆلتۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش ئەمەس بەلكى نامراتلارنى ئۆلتۈرۈپ بايلارنى يۆلەش›نى تەرغىب قىلغان».

يۈ جې ئەپەندى يەنە بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ خېتىدىن ئىلگىرى خىتاي رەئىسى ماۋ زېدوڭ قوزغىغان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي مەزگىلىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆز ئوقۇتقۇچىلىرىنى كۈرەش قىلىپ ئۆلتۈرۈشتەك ناتسىسلارچە قىرغىنچىلىق ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە شى جىنپىڭ دەۋرىدە يەنە باش كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن. «ئاتا-ئانىسىغا ئوق ئېتىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىدىيەسى مۇنداقلا شەكىللىنىپ قالغان ئەمەس. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ بۇ ئوچۇق خېتى بۇ خىل ئېقىمنىڭ ئاشكارا ئىپادىلىنىشى. شى جىنپىڭ دەل ماۋ زېدوڭ ۋە گىتلېرنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان. ئۆزىنى شى كې دەپ ئاتىۋالغان بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى دەل شى جىنپىڭنىڭ ئوغلى دېسەك بولىدۇ. مانا بۇ خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ناتسىزملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى».

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەمەلىيەتتە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەرغىب قىلىۋاتقان «جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش» شوئارى ئاستىدىكى خىتاي مىللەتچىلىكى ئېڭىنىڭ ئۆزى دەل خىتايدا باش كۆتۈرگەن ناتسىسزم ئىدىيەسىنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا يول ئاچقان ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدە بىرقىسىم كىشىلەردە بۇ خىل ئىدىيەنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە خىتاي كومپارتىيەسى ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەردە بۇ خىل ئىدىيە مەۋجۇت. ئەمما ئۇلار ئاشكارا دېيىشكە پېتىنالمايدۇ. چۈنكى بۇ ناھايىتى قورقۇنچلۇق بولۇپ، ھەر تەرەپتىن مۇنازىرە قوزغايدۇ. ئەمما ئۇلاردا بۇ خىل ئىدىيە ھەقىقەتەن مەۋجۇت».

خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە شى جىنپىڭ دەۋرىدە باش كۆتۈرگەن بۇ خىل ناتسزملىق ئىدىيەنىڭ خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرگە ۋە دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى ئاگاھلاندۇردى.

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ خىتاي مىللەتچىلىكى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان، چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيەسىنىڭ مەسئۇلى بولغان بۇ خىل يېڭىچە ناتسىزم ئىدىيەسى، 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى گىتلېرچە ناتسىزملىق ئىدىيەسىدىنمۇ كۆپ خەتەرلىك ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت