ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار سەپەرۋەر قىلىنغان لوزاندىكى نامايىش د ئۇ ق تەشكىللىگەن يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك نامايىش ھېسابلىنىدىكەن.
د ئۇ ق 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بېريۇسسېلدا «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» نى، 2018-لى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا يەنە قانچە مىڭ كىشىلىك نامايىشنى تەشكىللەپ، خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنى پاش قىلغان ۋە زور خەلقئارالىق تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم د ئۇ ق 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا ئەنە شۇنداق نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنى باشلىغان.
د ئۇ ق مەركىزىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى نامايىش د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ قارارى بىلەن ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خوڭكوڭلىقلار ۋە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» بولغان 6-ئاينىڭ 23-كۈنى سائەت 13:00 دىن 15:30 غىچە لوزاندا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك كىشىلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن كېلىش ئىمكانى بولمىغاچ، شۇ كۈنى يەنە دۇنيانىڭ باشقا ئەللىرىدىكى 40 تىن ئارتۇق شەھەردە بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى خەلقئارالىق كۆلەمدە ئورتاق نامايىشلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى نامايىش «ىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئالدى بىلەن ھازىرغا قەدەر بېيجىڭ ئولىمپىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرنى سەمىمىزگە سېلىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە قېتىمقى نامايىشنىڭ مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى مەزمۇن جەھەتتىن بولسۇن، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي بىر ھەرىكەت بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ خۇسۇستا توختالغاندا، 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەچچە مىڭ كىشىلىك بۇ نامايىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ شەرىپىنى سۇندۇرىدىغان بۇ نامايىشقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىللىنىپ، كۆلىمى زور بولغان مەزكۇر نامايىشقا ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى بەس-بەستە تەشەببۇس قىلىشماقتا.
«خەلقئارا ئولىمپىك كۈنى» بولغان 6-ئاينىڭ 23-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىغا دائىر مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.