لوزاندا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى زور كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2021-06-23
Share

ياۋروپادىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، موڭغۇللار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

بۈگۈن، يەنى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى «خەلقارا ئولىمپىك كۈنى» مۇناسىۋېتى بىلەن د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى» نىڭ قارارى، ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، خوڭكوڭلىقلار ھەمدە باشقا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەركىزى بىناسى ئالدىدا 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بېرىلغان.

بۇ قېتىمقى نامايىش د ئۇ ق 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزگەن «5 مىڭ كىشىلىك نامايىش» تىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق كۆلىمى زور نامايىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. نامايىشقا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتناشقاندىن سىرت، تىبەتلەر، خوڭكوڭلۇقلار، موڭغۇللار ۋە ياۋروپادىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ قاتناشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۈگۈن يەنە د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقى بىلەن ياۋروپا، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە قاتارلىق قىتئەدىكى 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلايلى» دېگەن شۇئار ئاستىدا ئوخشاش مەقسەدتە نامايىشلار ئېلىپ بېرىلغان.

شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدىكى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت 13:00 دە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋە تىبەتنىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان. نامايىش مۇقەددىمىسىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇيغۇرچە ۋە ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

تۆۋەندە لوزاندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرقىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر نامايىش توغرىسىدىكى تەسىراتلىرىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت