خىتاي ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئارقىلىق رايوننىڭ (مۇقىملىقىنى) تاشقى دۇنياغا تەشۋىق قىلماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.10.21
shohret-zakir-1024 خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۆھرەت زاكىر سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 17-ئۆكتەبىر
xjtvs.com.cn

ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تا ئاكتىپ رول ئويناش سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ھەمدە ئېمبارگو قويۇلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى شۆھرەت زاكىر، يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە «يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە گۈللەندۈرۈش» خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرغان.

نۆۋەتتە خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شۆھرەت زاكىر 2021-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن جازالانغان 4 خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئېلى سەپىرىگە قارىتا كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش «رايوننىڭ تېخىمۇ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشى» نىقابى ئاستىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى بۇ «قورچاق ئۇيغۇر ئەمەلدار» ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچەيتىش دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلار يەنە، خىتاينىڭ رايوندا ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلغانلىقىنى رەت قىلىشتا ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى تورى» نىڭ 16-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رايوندىكى بۇ قېتىملىق مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتى 8-ئۆكتەبىردىن 15-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر ۋە زۇمرەت ئوبۇل يىغىندا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەشنى تەكىتلىگەن.

نۆۋەتتە ئىككى ئۇيغۇر ئەمەلدارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قېتىملىق «يېڭى دەۋردە چېگرا رايوننى ئەمىن تاپتۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە گۈللەندۈرۈش» خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشۇش ھەرىكىتىدە سەھنىگە چىقىپ، «باش رول» ئوينىشى دىققەت قوزغىماقتا.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتىكى ئىنكاسىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە «يەرلىك كادىرلار ئارقىلىق رايوننى ئىدارە قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۆھرەت زاكىر سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن. زۇمرەت ئوبۇلمۇ سۆزىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، رايوندا ئۇيغۇر كىملىكىنى بار كۈچى بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ، ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ تەشۋىقات مەقسىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر كىملىكىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆز قارىشىنى بىلدۈردى.

«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، «مانجۇرىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەرىكىتى» نىڭ مەسلىھەتچىسى، كانادادىكى سىياسىي ئانالىزچى شېڭ شۆ خانىم، خىتاينىڭ تارىختىن بۇيان چېگرا رايونلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىشتە يەرلىك ئەمەلدارلارنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆز پىكرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«چۈنكى بۇ خىلدىكى ئەھۋال تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ رايونلىرىدىمۇ ئوخشاش يۈز بەرگەن بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ھىيلىگەر. ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئەزەلدىن تارتىپ يەرلىك رايوندىكى مىللەتلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. ئەمما ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇنىڭ بۇ خىل تاكتىكىسى رايوندىكى يەرلىك خەلقلەر ئارىسىدا نۇرغۇن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شۆھرەت زاكىرغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئەمەلدارلار ئارقىلىق رايوننى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىش ئىشلىرىغا بىۋاسىتە قاتناشتۇرۇشى بىر تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنى ۋاسىتىلىك قورال سۈپىتىدە قوللىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن قارىغىنىدا، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتى ئارىسىدا بۆلۈنۈش ۋە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى ئىتتىپاقلىشىش كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ. شۇنداقلا يەنە، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يەرلىك رايوننى كونترول قىلىش ۋە نازارەت قىلىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا بۇ خىل ئۇسۇلنى باستۇرۇشنىڭ ئىنتايىن نىشانلىق ۋاسىتىلىرىگە ئايلاندۇرالايدۇ. »

خىتاي خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت زاكىر باشچىلىقىدىكى بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قەشقەر، قىزىلسۇ، ئىلى ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىكى كارخانا، مەكتەپ، مەھەللىلەرنى ۋە بىر قىسىم دېھقان ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، يەنە چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە «ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى ۋە يۇغۇرۇلۇشى» نى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە، ئۇلار رايوندىكىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى كۈچەيتىش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى بەخت-سائادەتتىمۇ، جەبىر-جاپادىمۇ بىللە بولۇش ئارقىلىق، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش، ھەر مىللەت خەلقىنى «ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداش» قا يېتەكلەشكە چاقىرغان.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئىلشات ھەسەن قاتارلىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەخسۇس ۋە ئالاھىدە تەلەپ قىلىشى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىتىگە سىڭدۈرۈش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي نۆۋەتتە «تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق» شوئارى ئاستىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشتا «قورچاق ئۇيغۇر ئەمەلدار» لاردىن پايدىلىنىش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.