خىتاينىڭ ئىككى چوڭ تېخنىكا شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختاتقان

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۇقىرى تېخنىكالىق ساقچى نازارەت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان خىتاينىڭ ئىككى داڭلىق دىگىتال تېخنولوگىيە شىركىتى يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئالدى بىلەن خىتاينىڭ خەيكاڭ تېخنولوگىيە شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا ئۆتكەن ھەپتە داخۇا تېخنولوگىيە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتىمۇ رايوندىكى سودا پائالىيىتىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى، مەيلى خەيكاڭ شىركىتى بولسۇن ياكى داخۇا تېخنولوگىيە گۇرۇھى بولسۇن، ھەر ئىككىلا شىركەت ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەسچىت، مەھەللە، مەكتەپ، كوچا، جامائەت سورۇنلىرىغا ۋە ئۇيغۇرلار توپلىشىدىغان ئورۇنلارغا، بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا يۈز تونۇش كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ئىشتىراك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنگەن ئىدى.

شۇ سەۋەبلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2019-يىلى بۇ ئىككى شىركەتنى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، شۇنداقلا بەزى غەرب دۆلەتلىرىمۇ بۇ ئىككى شىركەت ئىشلەپچىقارغان كۆزىتىش كامېرالىرىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ شىركەت ئۆتكەن ھەپتە شېنجېن پاي چېكى بازىرىدا داخۇا ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بەش تارماق شىركىتىنىڭ رايوندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن تۈزگەن بەش خىل سودا توختامىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

داخۇا شىركىتى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودا پائالىيىتىنى توختىتىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارغا چۈشەنچە بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي كاساتلاشقان خىتاينىڭ نازارەت تېخنىكاسى شىركەتلىرى، يەر شارى بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۆزىنى تەڭشەۋاتقان پەيتتە بۇ قارارنى چىقارغان. بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشى، ئامېرىكانىڭ جازاسى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇئاۋىن دىرېكتورى مايا ۋاڭ 2-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى ياخشى خەۋەر. بۇ كىشىگە شۇ تەسىراتنى بېرىپ، شۇ نەرسىنى نامايان قىلىدۇكى، ھۆكۈمەتلەر ئامېرىكاغا ئوخشاش كونكرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، شىركەتلەرگە ياكى ھەرقانداق ئاكتىيورلارغا بېسىم ئىشلەتسە، بۇ مەيلى خىتايغا بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› سادىر قىلىشتەك دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا بولسۇن، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ».

مايا ۋاڭ، بۇ ئىككى شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشى، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى قوغداپ قېلىش كويىغا چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ دېدى: «بۇ شىركەتلەر مەزكۇر رايوندىن چېكىنىپ چىقىش بېسىمىنى ھېس قىلدى. بولۇپمۇ شۇ قىياسنى قىلالايمەنكى، ئۇلار ئۆزىنى قوغداپ قېلىشنىڭ كويىغا چۈشكەن. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا، مېنىڭچە بۇ تەرەققىيات، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ھۆكۈمەتلەرنى كونكرېت ھەرىكەت قوللانسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىغا تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە جاسارەتلەندۈرۈشى كېرەك».

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داخۇا شىركىتى ئۆتكەن ھەپتە شېنجېن پاي چېكى بازىرىدا ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ شىركەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2016-ۋە 2027-يىللىرى باشلانغان چوڭ تۇتقۇن مەزگىلىدە ئېرىشكەن بىر قىسىم تۈرلىرىنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما بەزى تۈرلىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكادىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئىككى شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشىدا كۆپ خىل ۋە مۇرەككەپ ئامىللار رول ئوينىماقتا ئىكەن.

ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ستەيتېن ئارىلى ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە، بۇ مەسىلە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئامىللارغا چېتىلىدۇ. چەت ئەلدە تۇرۇپ قارىغىنىمىزدا، بولۇپمۇ غەربنىڭ نۇقتىئىنەزەرىدىن قارىغىنىمىزدا، بۇ مەسىلىگە ئاددىيلا قىلىپ ‹توغرا› ياكى ‹خاتا› دەپلا جاۋاب بېرىدىغان مەسىلە ئەمەس.»

شيا مىڭنىڭ قارىشىچە، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشى، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسى بىلەن باغلىنىشلىق بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئىقتىسادىدىكى كاساتچىلىق تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. شيا مىڭ، يۇقىرى تېخنىكالىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇنىڭ بۇ شىركەتلەرگە ئېتىبار بېرىشى، يۇقىرى ئىمتىيازلارنى ۋەدە قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاي ئىقتىسادى كاساتلاشقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنى تەڭشەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شيا مىڭ 2-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەيدۇ: «نۆۋەتتە، خىتاي ئىقتىسادى چوڭ جەھەتتىن كاساتلاشماقتا. نۇرغۇن شىركەتلەر ئىقتىسادىي كىرىزىسكە دۇچ كەلدى، بولۇپمۇ نۇرغۇن شىركەتلەر كىچىكلىدى ياكى ۋەيران بولدى. شۇڭا خىتاي شىركەتلىرى ئىقتىسادنىڭ كاساتلىشىشىغا ئۇزۇن مۇددەت بەرداشلىق بېرىشى ئۈچۈن ئۆزىنى تەڭشىشى ۋە قايتا تەشكىللىنىشى كېرەك. شىركەتلەر ئۆزىنى تەڭشەشتە دائىم ئىككى خىل ئامىلنى ئويلىشىدۇ.»

شيا مىڭ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم شىركەتلەر ئويلىشىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى، ئىكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ھازىرقىدەك ئىقتىسادىي كاساتچىلىقتا سىياسىي چاقىرىقنى ئەمەس، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىقنى قوغلىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئامىللارنىڭ بىرى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىقتۇر. ئەگەر بۇ شىركەتلەر داۋاملىق غەربىي رايونغا يۈزلىنىپ، بۇ يەرگە مەبلەغ سالسا، ئۇلار ئۈچۈن باشقۇرۇش، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار سىياسەتنى چىقىش قىلغان، ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىقنى چىقىش قىلمىغان بولىدۇ. لېكىن ھازىرقى ۋەزىيەتتە شىركەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم ئىقتىسادىي ئۈنۈمدارلىقنى قوغلىشىدۇ».

نۆۋەتتە، خىتاي ئىقتىسادىدىكى كاساتچىلىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىق سېلىنمىسىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىشى يەنىلا مەۋھۇم مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا. لېكىن مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ دىققىتى ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ساقلاشقا مەركەزلەشكەنلىكىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس ئىكەن. مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇ نۇقتىدىن شۇنى تەسەۋۋۇر قىلالايمەنكى، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۇيغۇر رايونى دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، خىتايدىكى ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مالىيە ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن تېپىرلىماقتا. »

مايا ۋاڭنىڭ قارىشىچە، خايكاڭ ۋە داخۇا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پائالىيىتىنى توختىتىشىغا بۇ رايوندا ئېرىشىۋاتقان پايدىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىنلىكىنىمۇ چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن.

مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «پاكىتلار شۇكى، بىز شىنجاڭ رايونىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى سېلىنما تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز. نۇرغۇن سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى. شۇڭا، بۇ قۇرۇلۇشتىن كېلىدىغان پايدىنىڭ 2017-ۋە 2018-يىللىرى بۇ سىستېما ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا ئېرىشكەن پايدىدىن كۆپ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. شۇڭا تىبەت ۋە شىنجاڭغا ئوخشاش رايونلاردا مۇلازىمەتتىن كېلىدىغان پايدىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز».

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ 2023-يىلى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، داخۇا شىركىتىنىڭ 2017-يىلى يەركەن، چەرچەن، شىخەنزە، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بىخەتەر شەھەر»، «بىخەتەر ناھىيە» نامىدىكى يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكادىكى IPVM ناملىق تور بىخەتەرلىك شىركىتى 2018-يىلى ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، داخۇا شىركىتى بىلەن خەيكاڭ شىركىتىنىڭ 2016-يىلدىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نازارەت كامېراسى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا ئائىت ئاز دېگەندە بىر مىليارد دوللارلىق سودا توختامىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.