«يېڭى دۇنيادا دېموكراتىيەنى قوغداش» - خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-12-02
Share
«يېڭى دۇنيادا دېموكراتىيەنى قوغداش» - خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئەنگلىيەدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى تەييارلىغان «يېڭى دۇنيادا دېموكراتىيەنى قوغداش» سەرلەۋھىلىك 38 بەتلىك بىر دوكلات مەخسۇس تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلان قىلىنغان. 2020-يىلى 1-دېكابىر.
chinaresearchgroup.org

1-دېكابىر ئەنگلىيەدىكى بىر تۈركۈم پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى «يېڭى دۇنيادا دېموكراتىيەنى قوغداش» سەرلەۋھىلىك 38 بەتلىك بىر دوكلات تەييارلىغان. مەزكۇر دوكلاتنى مەخسۇس تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلان قىلغان.

يىغىنغا ئاۋستىرالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالىكساندىر دوۋن، ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نېيىل ئوبرايىن قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ كېرىش سۆزىنى ئالېكساندىر دوۋن يېزىپ بەرگەن بولۇپ، ئۇ كېرىش سۆزىدە مۇنداق دېگەن: «خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ دوكلاتى دەل ۋاقتىدا يېزىلغان بىر دوكلات بولدى. بۇ دوكلات ئەتراپلىق ھالدا دەۋرىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم گېئو-سىياسىي مەسىلە-خىتاينىڭ زورىيىشىنى تەھلىل قىلىدۇ. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا قارىتا بىردەك ۋە سىجىل ئىستراتېگىيە تۈزۈشتە ئويلىشىدىغان سىياسىي قوراللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.»

دوكلاتتا مۇنۇ مەزمۇنلار يەر ئالغان: «خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي كۈچى گېئو-سىياسىيغىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. خىتاي ‹دۇنيانىڭ سېخى› سۈپىتىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك دۆلەتلەردىكى نامراتلىقنى تۈگىتىشكە ياردەم قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر رايونى، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق رايونلاردا ئېغىر دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا. دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق نىزامنامىسى بويىچە خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىزچىل ھالدا دۆلەتنىڭ ‹ئىچكى ئىشلىرى› غا ئارىلاشقانلىق دەپ قارشىلىققا ئۇچرىماقتا.»

بۇ دوكلاتتا ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا قارشى تۇرۇشىدىكى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونى ۋە خوڭكوڭدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دوكلاتتا دېيىلگەن «سىياسىي قوراللار» خىتاينىڭ زورىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى تۈرى، خەلقئارا قانۇن، سودا تەمىنلەش زەنجىرى، ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش، ئۇچۇر سىستېمىسى ۋە باشقا تۈرلەردىكى خىتاينىڭ تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىلىدىكەن.

ئاۋستىرالىيەنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالېكساندىر دوۋن ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە ئېچىلغان تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «خىتايغا بۇنچىلىك دەرىجىدە سەلبىي پوزىتسىيەدە بولغانلىقىم ئۈچۈن كەچۈرۈڭلار، چۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 20 يىل تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش ھاياتىمدا، ئاساسەن ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەر بىلەن مەشغۇل بولدۇم. خىتاينى ياخشى بىلىمەن. نۆۋەتتىكى خىتايغا كەلسەك، مېنىڭ تەھلىلىم، بىرىنچىدىن، خىتاي ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. خەلقئارادىكى مۇھىم دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 21-ئەسىرگە لايىق دېموكراتىك سىياسەتنى ئەمەس، 19-ئەسىردىكى ‹ستالىن سىياسىتى› نى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. غەربتىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر ئىلگىرى قانداق قىلىپ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگەن بولسا، ھازىر ئۇلار قانداق قىلىپ خىتاينى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە بىرلىشىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتاي ئۆزىنىڭ ھۆكۈمىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۇلار ‹يۇمشاق كۈچ› ئارقىلىق خەلقئارادا ئىناۋەت تىكلەشكە كۈچىگەنسېرى، ئەركىن دۆلەتلەردىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنىڭ ۋە ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغانلىق قىلمىشىنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن ئەكسىچە ئىناۋىتىنى يوقاتماقتا. مېنىڭچە خىتاي ئۆز-ئۆزىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر رايونى ۋە خىتاينىڭ باشقا رايونلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى بۇنىڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر.»

مەزكۇر تور ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە خىتايغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەھلىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن: «مېنىڭچە، دۇنيا خىتايغا پۈتۈنلەي يېڭى بىر نۇقتىدىن قارىشى كېرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى ئوخشاش پىكىردىكى دۆلەتلەر بىرلىشىپ قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ھەققىدە تەدبىر ئويلىشىشى كېرەك. مېنىڭچە، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سەل قارالدى. ‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى› مەزگىلىدىكى جىنايەتلەر، ‹تىيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار نامايىشى› دىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا قىلغان باستۇرۇشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش پۇرسەتلىرىنى كەتكۈزۈپ قويغان. مەن دوكلاتتا تىلغان ئېلىنغان ئىقتىسادى جەھەتتىن تەدبىر قوللىنىش ۋە بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش پىكىرلىرىنى تامامەن قوللايمەن.»

رەھىمە خانىم يەنە خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئۇلارنىڭ تارىختىن بىرى تاشقى ۋە ئىچكى سىياسەتلىردىدە قوللىنىپ كېلىۋاتقان «36 تەدبىر» نى چۈشىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «خىتايلاردا بىر گەپ بار: ‹دۈشمىنىڭنى بىلسەڭ، يۈز پىرسەنت يىڭەلەيسەن›، مېنىڭچە، بىز خىتاينىڭ خاراكتېرىنى، ئىسىتراتىگىيەسىنى چوقۇم ياخشى بىلىشىمىز كېرەك. شۇندىلا بىز ئۇلارغا قارشى تېخىمۇ ياخشى ئىستراتېگىيە تۈزەلەيمىز.»

دوكلاتتا يەنە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان. خىتاينىڭ خوڭكوڭغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى ھەققىدە، يىغىنغا تەكلىپ قېلىنغان خوڭكوڭ دېموكراتىيە ھەرىكىتى پائالىيەتچىسى نەيسىن لو مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويغان: «خىتاينىڭ تەسىرىنىڭ كىڭىيىۋاتقانلىقى ۋە دېموكراتىيىگە تەھدىت بولۇۋاتقانلىقنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ئېغىر ئەھۋال. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە قوغدىغۇچىلىرىنى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنى قانداق باستۇرغانلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى قانچىلىك دەرىجىدە دەپسەندە قېلغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا مۇشۇ پۇرسەتتە ھەممىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ، بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كىڭەيمىچىلىكىگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇشىمىز بەك مۇھىم. مەن دوكلاتنى ئوقۇپ چىقتىم، شۇنداق ياخشى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. دېگەندەك بىرلىشىش بەك مۇھىم، بولمىسا خىتاي دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە دۈشمەن قېلىپ ‹بۆلۈپ يېيىش› تاكتىكىسىنى قوللىنىدۇ. شۇڭا دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ بىرلىشىپ، كىڭەيمىچىلىككە ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش بەك مۇھىم.»

ئالىكساندىر دوۋن ئەپەندى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا «ئەمدى نېمە قىلىش كېرەك» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە يىغىن ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ پىكرىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مېنىڭچە، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا چوقۇم ئېنىق ئىستراتىگىيەسى بولۇشى كېرەك. خىتايغا قارشى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشى كېرەك. زەنجىرسىمان سودىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا بەكلا تايىنىپ قالغان. بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز خىتاي بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەت قىلماسلىق. خىتاي باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ بەدىلىنى ئۆتۈشى كېرەك.»

خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىر تۈركۈم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى سىياسەت-تەدبىرلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. ئۇلار مەزكۇر دوكلاتنى «كۈنسېرى زورىيىۋاتقان خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى تۇرۇشتىكى سىياسەت قوراللىرى،» دەپ ئاتىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت