خىتاي دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2021.01.28
خىتاي دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى بازارغا سېلىۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇنارلىرى بىلەن ھىلال ئايلىرى چېقىۋېتىلگەن بىر مەسچىتنىڭ ئەسلى ۋە ھازىرقى ھالىتى.
Social Media

خىتاينىڭ بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى باياناتىغا قارشى تەشۋىقاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلەنمەكتە. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خۇددى ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، ئۇيغۇر رايونىدا «دىنغا ئىشەنمەسلىك ۋە دىننى ئىنكار قىلىش» تەشۋىقاتىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا كورلىدا قۇرئان ۋە جاينامازلارنىڭ تولۇق يىغىۋېلىنغانلىقى دەلىللەنگەن ئىدى، بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىزدا، تۇرپان چاتقالدا بىرلا مەسچىت قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ كەنتنىڭ يىغىن زالىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەندى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلانغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا قارشى تەشۋىقاتىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى باياناتىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر رايونىدا دىنىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلىگەن. ئەمما رادىيومىزغا كەلگەن 27-يانۋاردىكى بىر ئىنكاستا 2016‏-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەر كەڭ-كۆلەمدە چېقىلىپ، دىنىي زاتلار ئاساسەن دېگۈدەك تۈرمىلەرگە تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن، لاگېر ئىچى-سىرتىدا دىنغا ئىشەنمەسلىك ۋە دىننى ئىنكار قىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەم بۇ تەربىيەنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچى خادىملىرى بۇ تەشۋىقاتنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ يەنە بىر خەۋىرىدىمۇ، دائىرىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادقا يۈكسەك دەرىجىدە ھۆرمەت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئەمما 2017 ‏-يىلى تورلاردا تارقالغان كورلىغا ئائىت بىر ھۆكۈمەت ئۇقتۇرۇشىدا، ئاھالىلەردىن قوللىرىدىكى قۇرئانى كېرىم ۋە جاينامازلارنى دەرھال ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنغانىدى. ئەينى چاغدا كورلىغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، كورلا قارايۇلغۇندىكى بىر ساقچى خادىمى، ئۆز تەۋەلىكىدە قۇرئان ۋە جاينامازلارنىڭ تەلتۆكۈس يىغىلىپ بولۇنغانلىقىنى دەلىللىگەن. «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، ئۇيغۇر رايونىدا تەرتىپلىك دىنىي پائالىيەتلەرگە يول قويۇلۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. 27-يانۋار كۈنى تۇرپاننىڭ چاتقال يېزىسىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، بىر كەنت ساقچىسى، ئۆزى مەسئۇل كەنتتىكى 9 مەسچىتنىڭ 8 ئى چېقىلغانلىقى ۋە بىرسىنىڭلا ئامان قالغانلىقى، بۇنىڭمۇ پەقەت مېيىت يۇيۇش ئۈچۈن ساقلاپ قېلىنغانلىقى ۋە كەنتتە ئېچىلىدىغان پارتىيە ياچېيكا يىغىنلىرىنىڭ مۇشۇ مەسچىتتە ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قارشى باياناتىدا ئوتتۇرىغا قويغان دىنىي ئەركىنلىك تەشۋىقاتى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ۋەزىيىتى ئارىسىدىكى بىر قىسىم سېلىشتۇرما ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.