خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلار ۋە چەتئەللىك «مۇخبىرلار» (1)
2021.07.27
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى جىنايىتىنى ئاقلاش ئۈچۈن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەيىبلەشلىرى بۇ ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ تۆھمەت» دېگەن ئىبارىنى قوللانغان. كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە خەلقئارادا كۈچىيىۋاتقان «2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش» سادالىرىغا قارشى بەرگەن ئىنكاسى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرەققىيات نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.
يېقىندا CNN تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «خىتاي يەرشارى تېلېۋىيە تورى» ئۆتكەن ئايدا بىر مۇخبىرىنى قەشقەرگە ئەۋەتكەن بولۇپ، مۇخبىر ئۇ يەردە نەق مەيدان زىيارىتى ئېلىپ بارغان، خۇلاسە سۆزىدە: «شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ يەردە ھەرگىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق يوق» دېگەن. ئۇيغۇر رايونى ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشۋىقاتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان بولۇپ، بۇ رايوندىكى ئاتالمىش تەرەققىياتنى ۋە خەلقنىڭ قانداقتۇر بەختلىك ياشاۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغان مۇخبىرلارنىڭ بۇ رايونغا كېلىپ زىيارەت قىلىشى ئاساسەن چەكلەنگەن.
سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشىنىڭ مەيلى قايسى مىللەت، قايسى دۆلەتتىن بولسۇن، خىتاينى چۈشەنمەيدىغان ئىنسانلارنى قايمۇقتۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارادىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك بېسىملارنى «خىتايغا قارشى كۈچلەرنىڭ تەشۋىقاتى» دىن كېلىۋاتقان تەھدىت دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭغا قارشى «ئالاھىدە مۇخبىر» نامىدىكى چەتئەللىكلەرنى ئىشلىتىپلا قالماستىن، ئۇيغۇرلارنى بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلىتىش ئارقىلىق بۇ مىللەتكە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىي سىياسىتىنى تەپ تارتماستىن ئاقلاشنى، ھەتتا كۆپتۈرۈپ ماختاشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ سۆزلىتىشىنىڭ خېلى بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كەلگەن تەشۋىقات ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئانچە ئىشىنىپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا سەل قارىغىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاينىڭ جىنايىتىنى داۋاملىق پاش قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
يېقىندا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى غەرب تاراتقۇلىرىغا قارشى تەشۋىقات ئۇرۇشىغا سالغانلىقى، ھەر ساھە، ھەر ياشتىكى ئۇيغۇرلارنى مايك پومپېيوغا ئوخشاش چەتئەل دىپلوماتلىرى ۋە ھەقىقەتنى ئاشكارىلىغان غەرب تاراتقۇلىرىغا قارشى سۆزلەتكەنلىكى بايان قىلىنغان ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ۋىدىيولار ئېلان قىلىنغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» بىلەن proPublica شىركىتى بىرلىشىپ 3000دىن ئارتۇق ۋىدىيونى بىر ئايدىن ئارتۇق تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بۇ ۋىدىيولارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى پىلانلىق ئېلىپ بارغان بىر مەيدان تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ ۋىدىيولاردا گەرچە خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ بەلگىسى بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ۋىدىيونى ئىشلەشكە ئاستىرتىن ماسلاشقانلىقىنى بىلگىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، بۇ ۋىدىيولارنىڭ بەزىلىرى يۇتۇبقا قويۇلغان بولۇپ، ئاستىغا ئىنگلىزچە خەتلىك تەرجىمىسى بېرىلگەن.
بۇ ۋىدىيولاردا خىتايدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دەپ بايانات بەرگەن چەت ئەل دىپلوماتلىرى ۋە خەلقئارا شىركەتلەرنى ئەيىبلىگەن. بۇ تەشۋىقاتلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادىكى پىكىر ئېقىمىغا قارشى ئېلىپ بارغان ۋە ئەڭ كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ھەرىكەتلىرىدىن بىرى ئىكەن.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ خىل ۋىدىيولار ھەققىدە توختىلىپ: «خىتاي بۇنداق تەشۋىقاتلارغا كىملەرنىڭ ئىشىنىدىغانلىقىنى، كىملەرنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ، خىتاينىڭ مەقسەت-نىشانى شۇنداق يالغان تەشۋىقاتقا ئىشىنىشنى خالايدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بارلار ئۈچۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش» دېدى. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ تەشۋىقات جېڭىدە قانداق رول ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاينىڭ بۇ كۈچلۈك تەشۋىقاتلىرى ئالدىدا ئاجىز ئەمەس، بىزدە ھەقىقەت بار. بىز ئۆزىمىز ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىك ۋە زۇلۇمنى كۆپتۈرمەستىن ئەينەن ئاڭلىتىشىمىز كېرەك، بولمىسا بىزدىكى ھەقىقەت يالغان تەشۋىقاتقا ئايلىنىپ قالىدۇ ۋە باشقىلار ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ» دېدى.
ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى سۆزلىتىپ كۆز بويامچىلىق قىلىشى ۋە چەتئەللىكلەرنى سېتىۋېلىپ تەشۋىقاتقا سېلىشى 3-تەرەپ ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇشى بولۇپ، بۇنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى، شۇنداقلا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتە ئىنسانلىق ۋىجدانىنىڭ قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.