دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىدا خىتايغا چاپان يېپىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا
2023.08.22
18-ئاۋغۇست گېرمانىيەدە ئاڭلىتىش بېرىدىغان «غەربىي-جەنۇب رادىيوسى»، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى پەردازلايدىغان ساختا تەشۋىقاتلىرىغا چەت ئەل دىپلوماتلىرى ۋە بەزى ئاخباراتچىلارنىڭمۇ ھەمدەمدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر خەۋەر تارقاتقان. «خىتايدىكى ئۇيغۇرلار: قورقۇنچ، باستۇرۇش، تەتۈر تەشۋىقات» ناملىق بۇ خەۋەردە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ تارتىۋاتقان زۇلۇملىرىنى بەزى مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ دىپلوماتلىرى، تەشۋىقات ئورگانلىرى ۋە ئىسلامىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ يوشۇرۇشقا تۆھپە قېتىۋاتقانلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاي تەشۋىقاتىدىكى «بەختىيار ئۇيغۇرلار» نىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى، خىتاينىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى سىياسىتىنىڭ ئارىدىن 7 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئوخشاشلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى.
18-ئاۋغۇست ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يەنە مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىسلامىي بىرلىك سانىلىدىغان «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن 17-ئاۋغۇست خىتاي پايتەختى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى تارقالدى. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈن، يەنى 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نىڭ بۇ ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بۇ ئۆمەكتىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بەختىيار ھاياتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىنى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتايغا قارا سۈركىشىگە يول قويماسلىقى» نى تەلەپ قىلغان. تېخى يېقىندىلا ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە دىنىي زىيانكەشلىكلەرنى ئاشكارا ئىنكار قىلغانىدى.
خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى ساختا تەشۋىقاتلىرىغا قارشى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ كېلىۋاتقان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى 19-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مەقسەتلىك تەشكىللەنگەن بۇ زىيارىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. باياناتتا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئېغزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناۋاتقانلىقى، جازا لاگېرلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقى، زۇلۇمنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭمۇ بۇنىڭغا شېرىك بولماسلىقى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
باياناتتا مۇنداق ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن: «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋەكىللەر ئۆمىكى پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان پىلانلىغان ساختا نەق مەيدان كۆرۈنۈشلىرىنىلا كۆرەلەيدۇ ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان كىشىلەر بىلەنلا كۆرۈشەلەيدۇ. يەرلىك كىشىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋاللىرىنى ئېيتالمايدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرىمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەمەلدارلار، دىپلوماتلار، ئۆلىمالار ۋە ئاخباراتچىلارنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇ خىل زىيارەتلەر ئاخىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىسلامغا قارشى ئۇرۇشىنى ئاقلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئىدى.»
دەرۋەقە، مەيلى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بولسۇن ياكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسۇن ۋەياكى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتايدىكى دىپلوماتلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان زىيارەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن، بۇ سەۋەبلىك خەلقئارادا تۈرلۈك نارازىلىقلار پەيدا بولغان ئىدى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس ئەپەندى بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ بۇ خىل ئۇياتسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئاللىقاچان كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى مەلۇماتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ۋەتەن ئىچىدە «بەختىيار ئۇيغۇرلار» تەشۋىقاتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتسە، چەت ئەلدە چەت ئەللىكلەرنى ئىشقا سېلىپ، بۇ ساھەدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلماقتا. گوللاندىيەدىكى لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم بۇ ھەقتە ئۆز قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جىبۇتىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى دىيائېددىن باماخراما باشچىلىقىدا 17-ئاۋغۇست خىتايغا يىتىپ بارغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى سەئۇدى ئەرەبىستان، جىبۇتى، ماۋرىتانىيە، پاكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 25 ئەزا دۆلەتنىڭ دائىمىي ئەلچىلىرى ۋە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇلارنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دېڭ لى كۈتۈۋالغان. مەزكۇر ئۆمەك «خىتايدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارنىڭ ئەھۋالى» توغرىسىدا خىتاي تەرەپ بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. ئارقىدىنلا مەزكۇر ئۆمەك ئۈرۈمچىگە يېتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى زىيارىتىنى باشلىغان.
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەرىگە قارىغاندا، مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى 20-ئاۋغۇست ئۈرۈمچىدە ما شىڭرۇي بىلەن كۆرۈشكەندە، پاكىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان». پاكىستاننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەردىكى زىيارىتىمىز بىزنى رېئاللىقنى كۆرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى ھەمدە بۇ رايون توغرىسىدىكى خاتا قاراشلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى.»