خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تەلىم ئالغانلارنىڭ، يېڭى كەسىپلەرنى ئۆگەنگەنلىكى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنىڭ ئۆسكەنلىكى، شۇنداقلا ياخشى ئىش ئىمكانلىرىغا ئېرىشىپ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۈكسەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. قەشقەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا قەشقەر پاختەكلىدە ئىلگىرى مۇستەقىل يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېتىۋاتقان تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېرغا كىرىپ-چىققاندىن كېيىن نۆۋەتتە قەشقەردىكى بىر خىتاي يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
قەشقەر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى، قەشقەر پاختەكلىدە ئولتۇرۇشلۇق تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ 2017 -يىلنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ 2019 -يىلى قويۇپ بېرىلگەنلىكى، ئىلگىرى يۈك توشۇش ماشىنىسىدا شەھەرلەر ئارا قاتناپ، يەنى ئۆز ئالدىغا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ياخشى پۇل تېپىۋاتقان ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېردىن چىققاندا، پۈتۈن مال-مۈلكىدىن ئايرىلىپ بولغان بولغاچقا، قەشقەر شەھىرىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى. دېيىلىشىچە ئەركىن ھاشىم لاگېرغا ئەكېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى، ئانىسى ۋە ئىككى بالىسى بولۇپ ئائىلىدىكى 4 جان بېقىشسىز قالغان. دەسلەپكى يىلى بۇ ئائىلە ئەركىن ھاشىمنىڭ ساقلاپ قويغان پۇللىرىنى بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن بولسا، ئىككىنچى يىلىغا كەلگەندە، ئائىلىنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولغان يۈك توشۇش ماشىنىسىنى سېتىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا ئەركىن ھاشىم لاگېردىن چىققاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ھاياتتا ئىشنى نۆلدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، پاختەكلىدىكى بىر ساقچى خادىمى، ئەركىن ھاشىمنىڭ ئەسلىدە بىر شوپۇر ئىكەنلىكى، لاگېرغا ئەكېتىلىشتىن ئاۋۋال ئىشلىرىنىڭ ياخشى يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇ يەنە ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىككى يىل لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالدى.
تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان پاختەكلىدىكى بىر كەنت كادىرى ئەركىن ھاشىمنىڭ نۆۋەتتە، قەشقەر شەھەر ئىچىدىكى بىر يۈك توشۇش شىركىتىدە ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
بۇ كادىرنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ھەپتە ئارىلاپ ئىشلەيدىغان، شەنبە-يەكشەنبىلەرنى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە دەم ئېلىشتا ئۆتكۈزىدىغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە ھەپتىسىگە 7 كۈن ئىشلىمەكتە؛ ئىلگىرى ئېيىغا ئاز دېگەندە 5 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىدىغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە كۈنىگە 10 سائەتتىن ئىشلەپ ئېيىغا 1300 يۈەن كىرىم قىلماقتا.
ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، لاگېرلار قۇرۇلغاندىن بۇيان قەشقەر ۋە خوتەنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدىكى بىر قىسىم تىجارەتلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوڭچە قالغانلىقى مەلۇم بولغان. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا ئەركىن ھاشىمنىڭ يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مەزگىلىدە بىرقانچە خىتاي كۆچمەننى ئىش بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، يەنى ھاممال قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى، ئەمدىلىكتە بولسا، ئۆزى ئىلگىرى ئىشلەتكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتقانلىقى يېزىلغانىدى. مەزكۇر كەنت كادىرىمۇ ئەركىن ھاشىمنىڭ نۆۋەتتە بۇرۇن ئۆزى ئىشلەتكەن خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ قولىدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى مەرتلىكى ۋە بەزىدە بەتخەجلىكى بىلەن تونۇلغان ئەركىن ھاشىم نۆۋەتتە ئىش مەزگىلىدە خىتاي كۆچمەنلىرى تەمىنلىگەن ئىككى قۇتا تەييار چۆپ بىلەن غىزالانماقتا. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىشچان ۋە مەسئۇلىيەتچان بىر كىشى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. پاختەكلى ساقچى خادىمى، ئەركىن ھاشىمنىڭ قويۇپ بېرىلىش سەۋەبى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا جاۋابەن، ئۇنىڭ يۇقىرىقى تەرەپلىرىنى ئىنكار قىلماسلىق بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئويۇنچى تەرىپىمۇ بارلىقى، سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەردىن ئۇزاق بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئەركىن ھاشىمنىڭ ئىلگىرى ھاراق-تاماكا بىلەن ھەپىلەشكەن بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىشارەتلىدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئاشپەز-ناۋايلىق، كىيىم تىككۈچىلىك قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەرلەرنى ۋە توردىن مال سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاددىي مەشغۇلاتلارنى ئۆگىتىشنى كەسىپ ئۆگىتىش دەپ تەشۋىق قىلغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇنى ئۆگىنىۋاتقانلار ئارىسىدا شىئەندىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا قۇرۇلۇش ئىنژېنېرىلىقىنى ئوقۇغان رەجەپنىياز؛ شاڭخەي سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ئىنژېنېر مەمەتئىمىن ۋە قەشقەر مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرغۇچىسى، تەتقىقاتچى ئەكبەر ئەبەيدۇللا قاتارلىق ئالىي مەلۇماتلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
يۇقىرىدا تەجرىبىلىك شوپۇر ئەركىن ھاشىمنىڭ لاگېردا ئاتالمىش «كەسىپ ئۆگىنىپ» چىققاندىن كېيىن ھامماللىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.
0:00 / 0:00