خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۈرۈمچى كۆكتېرەك مەسچىتىدە چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ساختا سەھنە ھازىرلىغان

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر مىليوندىن 2 مىليونغا قەدەر ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى لاگېرلارغا قامىغانلىقى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، خەلقئارالىق جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ بىر قانچە نۆۋەت چەتئەل زىيارەت ئۆمەكلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەت ۋە تەكشۈرۈشتە بولۇشىغا يول قويغانىدى. ئەمما بۇ ئۆمەكلەر ئاساسەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ دائىرىلەر ئۇلارنى ئاساسلىقى بىر قىسىم كەسپىي تەربىيەلەش ئورۇنلىرى ۋە بىر قىسىم مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغانلىقى مەلۇم.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ لاگېر ئىچى ۋە سىرتىدىكى كەچمىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىۋاتقان لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇپ ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆز مەھەللىسى، يەنى ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى كۆكتېرەك مەسچىتىنى چەتئەل زىيارەت ئۆمىكىگە كۆرسىتىپ ساختا مەيدان ھازىرلىغانلىق جەريانىنى ئاڭلاتتى.

زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئەسلەپ ئۆتىشىچە، 2018-يىلى، 10-ئايلارنىڭ ئاخىرى بىر كۈنىدە دادىسىنى يوقلاپ ئۆيىگە كىرىشى، مەھەللە ساقچىخانىسىدىن ئىككى ساقچى ۋە مەھەللە كومىتېتىدىكىلەر بولۇپ يەتتە ئادەمنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ چىقىشىغا توغرا كەلگەن. ئۇلارنىڭ چىقىپ كېتىشىگىلا دادىسىنىڭ بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپلا قالغانلىقىنى كۆرگەن زۇمرەت «يەنە بىرەرىمىزنى لاگېرغا ئېلىپ كەتكىلى كەلگەنمىدۇ؟» دەپ يۈرەك ئالدى بولۇپ سورىغىنىدا، دادىسى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: «ئەتە چەتئەلدىن تەكشۈرگۈچىلەر كېلىدىكەن بىزنىڭ مەسچىتكە، ‹ئەتە پۈتۈن كۈن مەسچىتتە ناماز ئوقۇڭلار دەپ كىرىپتۇ، مەن دېدىم مەسچىتكە كىردى دەپ سولاپ قويىدىكەنسىلەر، ئادەمنى سىناۋاتامسىلەر؟ دېسەم، ھاجىمكا بىز سىلىنى سىنىمىدۇق، ئەتە كىمكى بىر ۋاق نامازنى مەسچىتكە كىرىپ ئوقۇسا بىر ۋاق نامازغا 20 يۈەن بېرىمىز، سىلى چوقۇم بەش ۋاق نامازنىڭ ھەممىسىدە مەسچىتتە بولسىلا، مانا دەپ بىر كونۋېرتنى ئۇنىمىغانغا ئۇنىماي تۇتقۇزۇپ قويدى، يەنە تېخى ئەتە سىلىدىن گەپ سوراپ قالسا ھۆكۈمىتىمىز بەك ياخشى، ئىسلامغا ھېچقانداق چەك قويغىنى يوق، بەش ۋاق ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز، مەسچىتىمىز ھەر ۋاقىت ئوچۇق دەپ قويسىلا، ئەتە سەپنىڭ ئالدىدا ساقىلى بارلار، سەپنىڭ كەينىدە ساقىلى يوقلار ئولتۇرسۇن› دەپ چىقىپ كەتتى» دەپ يىغلاپ كەتكەن.

دادىسى گەپ قىلالماي ھەسرەتلىك كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ قولىدىكى كونۋېرتنى ئۇنىڭغا ئۇزاتقان. كونۋېرت ئىچىدە يۈز يۈەن سېلىنغان بولۇپ، خورلۇقتا قالغان بۇ ئاتا-بالا مەجبۇرىي ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن «ھارام» پۇلنى يا تاشلىۋېتىشنى يا سەدىقە قىلىشنى بىلەلمەي ئىنتايىن بىئارام بولغان.

ئەتىسى زۇمرەتنىڭ دادىسى ئامالسىز زىيارەتچىلەرگە تەييارلانغان كۆكتېرەك مەسچىتىگە بېرىپ ناماز ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى باھانە قىلىپ مۇخبىرلارغا سۆزلەشكە ئۇنىمىغان.

زۇمرەتنىڭ دادىسى داۋۇت ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ 10-ئاينىڭ 12 كۈنى ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم بولغانىدى. زۇمرەتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ دادىسى، مەرھۇم داۋۇت ئابدۇراخمان ھاجىم مەھەللىدىكى كۆكتېرەك مەسچىتىنىڭ ئاساسلىق جامائىتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ دىيانەتلىك ۋە ئىمانلىق بىر مۆتىۋەر ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە كۆكتېرەك مەسچىتى، 1994-يىلى، مەھەللىدىكى ئاممىنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن داۋۇت ئابدۇراخمان ھاجىمنىڭ قېيناتىسى، داڭلىق خانىقا ئۇستىسى زۇنۇن ئاخۇننى تەكلىپ قىلىپ سالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ مەسچىتلەردىن بىرى سانىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي جەھەتتىن باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ دەسلەپ دىندار كىشىلەردىن باشلاپ لاگېرلارغا قامىغان مەزگىللەردە كۆكتېرەك مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر رەجەپ 2017-يىلى، 3-ئايدا تۇتۇلۇپ كەتكەن ۋە مەسچىت شۇندىن بۇيان سىرتقا ئېچىلماي تاقاپ قويۇلغانىكەن.

بىر يىلدىن ئارتۇق تاقاپ قويۇلغان كۆكتېرەك مەسچىتىنى دائىرىلەر شۇ قېتىم چەتئەل زىيارەتچىلىرىگە سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈنلا باشقىدىن تازىلاپ، مەھەللىدىكى جامائەتنى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نامازنى مەسچىتتە ئوقۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن ۋە كۆكتېرەك مەسچىتىدە بىر ۋاق ناماز ئوقۇسا 20يۈەن ھېسابلاش پۇل تارقاتقانىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل يانۋاردا تۈركىيە، مىسىر، پاكىستان، ئافغانىستان، بانگلادەش، سىرىلانكا قاتارلىق 6 دۆلەتنىڭ مۇخبىرلىرىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زىيارەتكە تەشكىللىگەن. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 2 مىليوندەك ئادەم قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاقلاشقا باشلىغاندىن بېرى 2‏-قېتىم بۇ خىل زىيارەتكە تەشكىللىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى كۆكتېرەك مەسچىتنىڭ قايتا ساختا كۆرگەزمە قىلىنىشى بولسا، خىتاينىڭ بىر قىسىم خىتايغا مايىل ئەللەرنىڭ دىپلوماتلىرىدىن تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمىكىنى ئۈرۈمچىدە زىيارەت قىلدۇرغان مەزگىلى بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىنماقتا.