خىتاي، ئۆز تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئۇلارغا قارشى سۆزلەتمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.11.18
arafat-erkin-anisi.jpg ئارافات ئەركىننىڭ ئانىسىنى خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ زىيارەت قىلغان كۆرۈنۈشى.
ixigua.com diki munasiwetlik sindin süretke élin’ghan

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ، بىر مىليوندىن 3 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلاشتا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئاز ساندىكى لاگېر شاھىتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا ئاخباراتى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىگە لاگېرغا قامالغان ئۆز ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئاڭلىتىشى ئىنتايىن ھالقىلىق رول ئويناپ كەلدى. ھالبۇكى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، چەتئەللەردە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا تۈرلۈك تەھدىت ۋە بېسىملىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم. 17-نويابىر خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن فۇرقەت جەۋدەت ۋە ئارافات ئەركىننىڭ غۇلجىدىكى ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ھەمدە لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىسى ھەم يەڭگىسىنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس خەۋەر تارقاتتى.

خەۋەردە، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى مۇخبىرلىرىنىڭ 5-نويابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىدا فۇرقەت جەۋدەت، ئارافات ئەركىن ۋە زۇمرەت داۋۇتلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى لاگېردا ۋە تەھدىت ئاستىدا دېيىلگەنلىكىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى زىيارەت قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن نورمال ۋە خۇشال ياشاۋاتقانلىقى، ھېچقايسى ئائىلە ئەزاسىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىمىغانلىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆرگەنلىكى، بۇلارنىڭ مايك پومپېيونىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى يېزىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە، لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇتنىڭ ئاكىلىرى ئابدۇخېلىل داۋۇت ۋە ئەركىن داۋۇت ئۆز ئۆيىدە قايتا زىيارەت قىلىنغان ۋە ھەتتا ئابدۇخېلىل داۋۇتنىڭ ئايالى زۇمرەتنىڭ ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا قارشى سۆزلىتىلگەن. ئۇلار، ئاساسلىقى زۇمرەتنىڭ لاگېردا ياتقانلىقى ۋە ئۇنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ سۆزلىگەن.

ئابدۇخېلىل داۋۇت بۇ قېتىمقى ۋىدىيودا زۇمرەتكە قارىتىپ، «يۇيۇۋېتىمەن دەپ ۋەدە بەرگەن ئىدىڭىز، ئۇ نەرسىلەرنى يەنە يۇيۇۋەتمەپسىز. . .» دەيدۇ. زۇمرەت تەمىنلىگەن ئۈن ئارخىپلىرى، يەنى ئاكىلىرىنىڭ ئۆزىگە قالدۇرغان ئاۋازلىق ئۇچۇرلىرىدىن ئۇلارنىڭ خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ.

زۇمرەت داۋۇت ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ، دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ تەكرار تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ۋە شۇ ھالەتتە يەنە ۋىدىيوغا چىقىپ ئۆزىگە قارشى سۆزلىگەنلىكىدىن كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى ۋە ۋەتىنىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان تەكىتلىدى. ئەمما ئۇ،

خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى ئېچىش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زۇمرەتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ پاكىستانلىق ئېرى ئىمراننىڭ پاكىستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ يېقىندىن بۇيان پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىمراننى سۈرۈشتۈرۈپ پاراكەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەن، تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئائىلە-ئەزالىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەقدىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، خىتايغا مەلۇم جەھەتتىن بېسىم پەيدا قىلغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى 2015-يىلى، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئارافات ئەركىندۇر. ئۇنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈشكە باشلىغان. ئۇ، 2018-يىلى، 8-ئايلار ئەتراپىدا ئاپىسىنىڭ 2017-يىلى يىل ئاخىرىدا تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، دادىسىنىڭ 2018-يىلى، 3-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇتۇلۇپ 7 يىلدىن 11-يىلغىچە كېسىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى. بۇ نۆۋەت «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئۇنىڭ ئاپىسى گۈلنار تەلەت خانىمنى ۋە تاغىسى ئەسئەت تەلەتنى سۆزلەتكەن. ئۇلار، ئۇنى تۇغقانلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى قىلماسلىققا ۋە قايتىپ كېلىشكە چاقىرغان. ھەممىدىن قىزىق تەرىپى، «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بارغاندىن كېيىن «تېررورلۇق تەشكىلاتى-دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ئەزا بولغان» دەپ يازغان.

بۇنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 11‏-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ يېقىندا قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تەنقىد قىلغانىدى. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچىمۇ، ئوخشاشلا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېر شاھىتلىرىنىڭ رايوندىكى ئائىلە ئەزالىرى ھېچقانداق پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىماي، نورمال ياشىماقتا ئىكەن. بۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدا تۇنجى قېتىم ئارافات ئەركىننى تىلغا ئالغانىدى.

ئارافات گەرچە ئۇزۇن يىل كۆرمىگەن ئاپىسى ۋە تاغىسىنىڭ ھاياتلىقىنى كۆرۈپ خوش بولغان بولسىمۇ، ئاپىسىنىڭ ئۆرىمۇ تۇرالماي يۆلىنىپ تۇرۇپ گەپ قىلىشى ۋە چىرايىدىكى سولغۇنلۇقتىن تېنىنىڭ ئاجىزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئەندىشىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ب د ت دىكى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەرنىڭ مەسىلىسى» خىزمەت گۇرۇپپىسى ئارقىلىق دادىسى، ئىلى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رېژىسسورى ئەركىن تۇرسۇننىڭ 7 يىل ئەمەس بەلكى 19 يىل 10 ئاي كېسىلگەنلىكى ھەققىدە بۈگۈن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېرلارنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېردىكى ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھېچقاچان خىتاي دەۋاتقان ئاتالمىش ئەسەبىيلىكلەر ۋە جىنايەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە. 2011-يىلى 1-ئايدا ئىنى-سىڭىللىرى بىلەن ئامېرىكىغا كەلگەن، نۆۋەتتە ۋاشىنگتون شەھىرى ئەتراپىدا ياشاۋاتقان فۇرقەت جەۋدەتنىڭ ئاپىسى بىلەن جەم بولالماي كېلىۋاتقىنىغا 10 يىل بولاي دېدى.

فۇرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئانىسى باشتا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئاندىن 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. فۇرقەتنىڭ توختىماي مەتبۇئاتلارغا خىتاينىڭ ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇملىرىنى ئاڭلىتىپ گۇۋاھلىق بېرىشى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئانىسىنى 3 ئاي ئىلگىرى قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يەنىلا قاتتىق نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى مەلۇم ئىدى. فۇرقەت ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئانىسىنى ۋىدىيوغا ئالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فۇرقەت، ئۆزىنىڭ ھېچقاچان بىر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ باقمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ زۇلۇمىغا قارشى گەپ قىلىشىغا خىتاينىڭ ئاپىسىغا ۋە ئۆزىگە قاراتقان توختاۋسىز بېسىملىرى تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. فۇرقەت يەنە خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىدىكى بۇ ۋىدىيولۇق خەۋىرىدىن بىر يېڭى ئۇچۇر بايقىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئاپامنى ناھايىتى خاتىرجەم ئەركىن ياشاۋاتىدۇ، ئۇ ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋىزا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئوغلى ۋە ئامېرىكىدىكى ئائىلىسى بىلەن جەم بولالمىغان دەپتۇ، ئىلگىرى ئۇلار ئاپامغا پاسپورتىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتمىغان، دېمەك ئاپامنىڭ پاسپورتى بار ئىكەن، ئەمدى ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئۈمىد تۇغۇلدى، ئەمدى ئاپامنى دەرھال ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلىشنى باشلىسام بولغۇدەك».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.