«CGTN نىڭ ئاخباراتتا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشتا ئوينىغان رولى» ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىندى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2021.12.22
خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى نەگە بارىدۇ؟ خىتاينىڭ چەت ئەلگە قاراتقان تەشۋىقات قانىلى بولغان «خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە تورى» (CGTN) نىڭ يېقىندىن بېرى ئېلىپ بارغان يالغان تەشۋىقاتلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش: سۈرەتتە جىھادچى دېگەن قالپاق بىلەن تۈرمىدە زىيارەت قىلىنىۋاتقان ئابدۇل تۇرسۇنتوختى. 2021-يىلى 1-ئاپرېل.
cgtn

ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش باشلانغاندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى CGTN، يەنى «خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە تورى» ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىدا «قايتا تەربىيەلەنگەن» ۋە «ئىدېئولوگىيەسى تۈزىتىلگەن» ئاتالمىش «يېڭى ئۇيغۇرلار» نىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ ھەقتە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى 21-دېكابىر «‹يېڭى› ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشۇش: CGTN نىڭ ئاخباراتتا ئىرقى قىرغىنچىلىقنى ئاقلاشتا ئوينىغان رولى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا ئۇلار CGTN نىڭ 2017-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پروگرامما تېكىستلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە قانداق رول ئوينىغانلىقىنى پاكىتلىق ھالدا شەرھىلىگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، CGTN دۇنيا جامائەتچىلىكىگە «ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‹قايتا تەربىيە› ئارقىلىق سىياسىي ساپلىققا ئېرىشكەنلىكى» نى، ھازىر بۇ رايوننىڭ «مەدەنىيەت ساياھىتى ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا ئوچۇق ئىكەنلىكى» نى تەشۋىق قىلىشتا يادرولۇق رول ئويناپ كەلگەن.

دوكلاتتا بېرىلگەن ئىستاتسىتىكا جەدۋەللىرىگە قارىغاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، CGTN ئۇيغۇرلارنى ئاساسلىقى «نامرات» ۋە «ئاشقۇن» دېگەن سەلبىي سۈپەتلەر بىلەن تەشۋىق قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى كېيىنچە كەڭ كۆلەملىك «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ۋە «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» پروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دىن جەمئىيەتكە نىسبەتەن «تۆھپىكار» كىشىلەرگە ئۆزگەرگەنلىكىنى دۆلەتلىك قاناللاردا تەشۋىق قىلغان ھەم بۇ خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق دۇنياغا كومپارتىيەگە «مىننەتدار»، «يېڭى» ئۇيغۇرلارنى كۆرسەتكەن. CGTN خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتمىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ھەر-خىل پروگراممىلىرى ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا ئىنكار قىلغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېغىر باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى خادىملىرىدىن تەشۋىقات ۋە ئالاقە ئىشلىرىغا مەسئۇل پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى مەزكۇر دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دوكلاتتا كۆرسەتمەكچى بولغىنىمىز خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ‹قايتا تەربىيەلەنگەن› ۋە ‹ئىدېئولوگىيەسى تۈزىتىلگەن› ئاتالمىش ‹يېڭى ئۇيغۇرلار›. ئۇلار ھەم ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىمەيدۇ ھەم ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمايدۇ. لېكىن ئۇلار مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن ھۆكۈمەتكە مىننەتدار. CGTN خەلقئارالىق ئاخبارات سۇپىلىرى ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سەلبىي ئوبرازىنى يۇيۇش ئۈچۈن مەخسۇس پروگراممىلارنى ئىشلەيدۇ. ئۇلار يەنە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ‹قايتا تەربىيە›ئارقىلىق سىياسىي ساپلىققا ئېرىشكەنلىكىنى، ھازىر بۇ رايوننىڭ مەدەنىيەت ساياھىتىگە ئېچىلغانلىقى تەشۋىقاتىنى قىلىدۇ».

CGTN نىڭ قايتا تەربىيەلەش ۋە تېررورلۇق ھېكايىلىرى ئادەتتە بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ھېكايە سۈپىتىدە تارقىتىلىدىغان بولۇپ، ئۇ دائىم غەلىتە مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى ئۇيغۇرلارنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىسپاتى سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. بۇ ھېكايىلەر كۆپىنچە تۆۋەندىكىدەك شەكىلدە بولىدۇ: بىر ئۇيغۇر كىشى ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مىللىتىنى پەرقلەندۈرىدۇ. ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئائىت پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش نىسبىتى ئاشقانلىقى ئۈچۈن ئەسەبىيلىككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ شەخس ئاندىن «دەرسخانا» دا بولۇپ، خىتايچە خەت يېزىپ، سىياسىي شوئارلارنى يادلاپ «ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ» ۋە زاۋۇتلاردا يېڭى خىزمەتكە ئورۇنلىشىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.

گوللاندىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم مەزكۇر دوكلات ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇندىن بۇيان ھەر خىل تەشۋىقاتلار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچلىقىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. لېكىن دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھەقسىزلىق سوراقسىز قالغان ئەمەس. خىتاي جىنايەتلىرىنى ھەرقانچە پەردازلىسىمۇ، جاۋابكارلىقتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ».

مەلۇم بولۇشىچە، CGTN نىڭ چەتئەلدىكى بىر قانچە ئورگانلار بىلەن ئاخبارات مەزمۇنلىرىنى ئورتاقلىشىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەمكارلىقلار ئارقىلىق چەتئەلنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دوكلات ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، CGTN، «شىنخۇا ئاگېنتلىقى»، «خىتاي گېزىتى» قاتارلىق خىتاي ئاخباراتلىرىنىڭ رېئاللىقنى بۇرمىلىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پەقەت خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات ئورگىنى ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا، CGTN نىڭ ھەرقانداق بىر خەلقئارا تاراتقۇنىڭ شېرىكى بولۇشتىن چەكلىنىشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

پېتىر ئىرۋىن ئەپەندى ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «بىز CGTNنىڭ كۆرۈرمەنلىرىگە شۇنى كۆرسەتمەكچى: ئۇلار كۆرۈۋاتقان ‹گۈل-گۈلىستانلىق› ھايات ياشاۋاتقان ‹يېڭى ئۇيغۇرلار› ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي رىئاللىقنىڭ بۇرمىلانمىسى. ئۇلار بۇ تەشۋىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› دەپ ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى يوشۇرۇۋاتىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ‹ئىرقى قىرغىنچىلىق› جىنايىتى ئۈچۈن تارتىلىدىغان جىنايى جاۋابكارلىقىدىن قىچىشىغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.