خىتايدا يەنە يەر تەۋرىدى
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.08.31
2008.08.31
ب ب س ئاگېنتلىقى بۇ تەۋرەشلەردە 250 مىڭ ئېغىزدىن ئارتۇق ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ، 460 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى شۇنىڭدەك 800 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، جىددىي قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.
بۇ تەۋرەش يۈننەن بىلەن سىچۈەننىڭ چېگرىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، قاتتىق يامغۇر ھەمدە قاتناش قولايسىزلىقى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ياخشى بولمىغان.
بۇ تەۋرەش ئاپىتى ئۆتكەندە سىچۈەندە يۈز بەرگەن 70 مىڭ ئەتراپىدا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئېغىر ئاپەت بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.